چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مىيىپلىق ئادەم بەدىنىدىكى مەلۇم بىر ياكى بىر قانچە ئەزانىڭ ئىقتىدارىنى يوقۇتۇپ ، بەدىندىكى فونكىسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرالمايدىغانلىقنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن كۆز كۆرەلمەسلىكتىن ئەمالىق، قۇلىقى ئاڭلىماسلىقتىن گاسلىق، ئاۋاز پەردىسى سەۋەبلىك گاچىلىق.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مىيىپلىق

خەنزۇچە نامى :残疾

ئىنگىلىزچە نامى :Handicapped person

مېيىپلىق (Disability) نىڭ پەيدا بولىشى

3پارچەمىيىپلىقمېيىپلىق ئۇقۇمىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مېيىپلىقنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرىۋېلىش كىرەك. چۈنكى بۇ بىۋاستە مېيىپلىققا ۋە مېيىپ كىشىلەرگە بولغان تونۇشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇنداقتا مېيىپلىق قانداق پەيدا بولغان؟ نىمىشقا جەمئىيەتتە مېيىپلىق ھادىسسى مەۋجۇت؟ بۇ مەسىلىگە نىسپەتەن خەلىقئارادا جەمئىيەت بەدىلى نەزىرىيىسى، بەلگە نەزىرىيىسى ۋە جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىش نەزىرىيىسىدىن ئۈچ تۈرلۈك ئاساسىي نەزىرىيە بار.

جەمئىيەت بەدىلى نەزىرىيەسى

بۇ نەزىرىيە بويىچە ئېيىتقاندا مېيىپلىق ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرلىشى جەريانىدا ساقلانغىلى بولمايدىغان ، ئىنسانلار جەمئىيىتى مەنىۋى مەدەنىيەت ۋە ماددى مەدەنىيەت يارىتىش جەريانىدا چوقۇم تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەل ھېسابلىنىدۇ. بۇ نەزىرىيىنى ئاددى قىلىپ تۆۋەندىكىدەك ئىككى نوقتىدىن چۈشىنىشكە بولىدۇ. بىرى توغما مېيىپلارنىڭ پەيدا بولىشى. تۇغما مېيىپلار ئاساسلىقى ھامىلە ئانىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ھەرخىل ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك، يىمەكلىكتىن زەھەرلىنىش، تاشقى تاساددىبى ھادىسە، مۇھىتتىن بۇلغىنىش، رادىئاتسىيە ،خىمىيىلىك ماددىلار قاتارلىق ئامىللارنىڭ ھامىلىگە تەسىر كۆرسىتىشى ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىر قىسىم كىشىلەر بەلكىم «ئېرسىيەت ئارقىلىق پەيدا بولغان مېيىپلار ئۇنداق ئەمەسقۇ؟» دېيىشى مۇمكىن، ئەمەلىيەتتە بۇنى مېيىپلىقنى ئېرسىيەت قالدۇرغۇچى تەرەپكە قاراپ سۈرۈشتۈرسەك ، مېيىپلىقنى ئېرسىيەت قالدۇغۇچىدىكى مېيىپلىق ئەڭ دەسلەپتە يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكەن ئامىللار سەۋەبىدىن پەيدا بولغان. يەنە بىرى غەيرى تۇغما مېيىپلارنىڭ پەيدا بولىشى. نۇرغۇنلىغان مېيىپلار ئىنسانلار جەمئىيىتىدىكى نۇرغۇنلىغان ئامىللار تۇپەيلىدىن پەيدا بولىدۇ، مەسىلەن: ئۇرۇش ، قاتناش ھادىسسسى، داۋالاش ھادىسسى....قاتارلىقلار. يىغىنچاقلىغاندا، مەيلى تۇغما مېيىپ بولسۇن ياكى غەيرى تۇغما مېيىپ بولسۇن ھەممىسى تېگى تەكتىدىن ئېيىتقاندا ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ مەنپەئەتى سەۋەبىدىن پەيدا بولغان ھەم جەمىئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن ساقلانغىلى بولمايدىغان چوقۇم تۆلەشكە تىگىشلىك بەدەل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن، ئىنسانلار قاتناشنى قۇلايلىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن پويىز، ئاپتۇموبىل ،پاراخۇت ۋە ئايروپىلان قاتارلىق ئىلغار قاتناش قۇراللىرىنى كەشىپ قىلدى، شۇنىڭغا ئەگىشىپ ھەرخىل قاتناش ھادىسسى پەيدا بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر شۇ سەۋەپتىن مېيىپ كىشىگە ئايلاندى. 

بەلگە نەزىرىيەسى

بۇ نەزىرىيە بويىچە ئېيىتقاندا، جەمئىيەتتە مېيىپلارغا نىسپەتەن ئىنتايىن كۆپ بولغان بىر تەرەپلىمە قاراش مەۋجۇت بولغانلىقى سەۋەبلىك ، مېيىپلار دائىم باشقىلار تەرىپىدىن «يىتەرلىك ئەمگەك ئىقتىدارى يوق»، «بەدەن شەكلى غەلىتە» دەپ قارىلىپ، مېيىپلارنىڭ  جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.«مېيىپلىق» ئۇلارغا چاپلانغان مەڭگۈلۈك بەلگە بولۇپ قالغان. بۇ نەزىرىيىنى چۈشىنىشتىكى ئەڭ تىپىك مىسال شۇكى جەمئىيەتتە نۇرغۇنلىغان كىشىلەر مېيىپلارنىڭ جىسمانىيىتىدىكى مېيىپلىق سەۋەبىدىن ئۇلارنى ئەمگەك ئىقتىدارى يوق دەپ قاراپ ئۇلارغا خىزمەت پۇرسىتى بېرىشنى خالىمايدۇ ياكى ئۇلارنى ئىتراپ قىلمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېيىپلار چەتكە قېقىلىدۇ.

جەمئىيەتنىڭ چەتكە قېقىش نەزىرىيەسى

بۇ نەزىرىيە مېيىپلىقنى جەمئىيەتنىڭ جىسمانىيىتىدە مېيىپلىق بار كىشىلەرنى مەدەنىيەت ، ئىقتىساد، سىياسى جەھەتتە چەتكە قېقىش سەۋەبىدىن پەيدا بولغان دەپ قارايدۇ. يەنى دۆلەتكە نىسپەتەن ئېيىتقاندا، دۆلەت ھەر تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزگەن ۋاقىتتا ئاسانلا مېيىپلارنى چەتكە قاقىدىغان ياكى مېيىپلارنى ئويلاشمايدىغان ئەھۋال كىلىپ چىقىدۇ.يەككە شەخىسكە نىسپەتەن ئېيىتقاندا ، كىشىلەرنىڭ مېيىپلارغا بولغان تونۇشى توغرا بولمىغانلىقتىن كۆپىنچە ئەھۋاللاردا ئۇلار بىلەن ئارىلىششنى، بىرگە پائالىيەت قىلىشنى خالىمايدۇ ياكى مېيىپلارنى چەتكە قاقىدۇ. مۇشۇنداق ھەرخىل شەكىلدىكى چەتكە قېقىش سەۋەبىدىن جىسمانىيتىدە مېيىپلىق بار كىشىلەر جەمئىيەتتىكى ئاساسى ئېىقىندىن ئايرىلىپ قالغان بولىدۇ.

يۇقىرقى ئۈچ تۈرلۈك نەزىريىنىڭ ئاساسىي نوقتىنەزىرىنى يىغىنچاقلىغاندا ئۇلار بىر خىل ئورتاقلىققا ئىگە. بۇ ئۈچ نەزىرىيە مېيىپلىقنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبىنى بىۋاستە ھالدا سىرىتقى سەۋەپكە باغلاپ چۈشەندۈرىدۇ، ھەرگىزمۇ جىسمانىيتىدە مېيىپلىق بار كىشىنىڭ ئۆزىگە باغلاپ چۈشەندۈرمەيدۇ. دىمەك مېيىپلىقتىن ئىبارەت بۇ ھادىسە مېيىپلارنىڭ سەۋەنلىكىدىن كىلىپ چىققان بولماستىن، بەلكى جەمئىيەت سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. بۇ مېيىلىقنىڭ پەيدا بولىشىغا نىسپەتەن خەلىقئارا جەمئىيەتتە ئىتراپ قىلىنىغان خۇلاسىدۇر. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏