چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق پارپا ئەسلى ئۆسۈملۈكى جەدۋارچىندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار . 1. تۇزلۇق جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى كۈلرەڭ بولۇپ تىلنى قورۇيدۇ، پۇراقسىز 2. ئارا جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى قارامتۇل، مايلىق، پارقىراق، تەمى سۇس پۇراقسىز. 4. ئاق جەدۋار ھەممە يېرى ئاقۇش ، تەمسىز كېلىدۇ. پۇرىقى سۇس. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «جەدۋارچىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاق پارپا

خەنزۇچە نامى :附子

ئەرەبچە نامى :جەدۋار چېنى ، بېيىش

پارسچە نامى :جدۋارچينى

ئىنگلىزچە :Prepared Dughter root Common monkshood

ئوردۇچە نامى :جدۋار چينى، جدور چىينى

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چۈشەندۈرۈشى

2پارچەئاق پارپائاق پارپا  ئەسلى ئۆسۈملۈكى جەدۋارچىندىن ئىبارەت. ئۇنىڭ ئۈچ خىل تۈرى بار . 

1. تۇزلۇق جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى كۈلرەڭ بولۇپ تىلنى قورۇيدۇ، پۇراقسىز  

2.  ئارا جەدۋار ، سىرىتقى يۈزى قارامتۇل، مايلىق، پارقىراق، تەمى سۇس پۇراقسىز. 

4. ئاق جەدۋار ھەممە يېرى ئاقۇش ، تەمسىز كېلىدۇ. پۇرىقى سۇس. بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «جەدۋارچىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئاق پارپا ئېيىقتاپانلار ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ ئۆسۈملۈكى تولۇق يېتىلگەندە كولاپ ئېلىپ يېغۋىلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ سىچۈەن، شەنشى، شىمالى شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ. 

خۇسۇسيىتى

ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش، قورۇش، چىڭىتىش ، ئاغرىق پەسەيتى، پەي ۋە مۇسكۇلنى چىڭىتىش، تەبىئەتنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتى بار.

تەبىئىتى

2پارچەئاق پارپائىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

خاس تەسىرى

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش.

ئەكىس تەسىرى

 باش ئاغرىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، زەھەرلىك.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

1. يۈرەك قان سېستىمىسىنىڭ بولغان تەسىرى، يۈرەك كۈچەيتىش ، يۈرەك رىتىمسىزلىقىغا قارشى تۇرۇش، يۈرەك مۇسكولىغا قان يېتىشمەسلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق تەسىرى بار .

2. ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار .

3. ئاغرىق پەسەيتىش ، تېىچلاندرۇش تەسىرى بار .

4. دائىرىلىك ناركوز قىلىش تەسىرى بار

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏