چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاسارۇن زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاسارۇننىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بولۇپ، يىلتىزى مايماق، بوغۇملۇق، توپا رەڭگە مايىلراق، خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ. «ئاسارۇن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاسارۇن

خەنزۇچە نامى :细辛

ئەرەبچە نامى :ئاسارۇن (ئە)

پارسچە نامى :مۇشكبالا (پ)

ئىنگلىزچە :Manchurian wildginger herb

ئوردۇچە نامى :تەگەر (ئو)

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق.

قىسقىچە مەزمۇنى

چۈشەندۈرىشى

2پارچەئاسارۇن ئاسارۇن بولسا زىراۋەندە ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاسارۇننىڭ يىلتىزلىق پۈتۈن چۆپى بولۇپ، يىلتىزى مايماق، بوغۇملۇق، توپا رەڭگە مايىلراق، خۇش پۇراقلىق كېلىدۇ. «ئاسارۇن» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ئېلىمىزنىڭ شەرقىي شىمال شەندۇڭ، خېنەن، لياۋنىڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىدىن، ئېران، ئافغانىستان قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

ئشلىتىلىشى

ئۇنۇتقاقلىق، تۇتقاقلىق، لەقۋا، پالەچ، ئەزالارنىڭ بوشاپ كېتىشى، بىھۇشلۇق، مېڭە ئاجىزلىقى، نېرۋا ۋە پەي ئاجىزلىقى، باش ئاغرىقى، جىگەر، تال توسۇلۇش، تال قېتىش، بۆرەك ۋە دوۋساققا تاش چۈشۈش، ئومۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.ئاسارۇن

ئۇنۇتقاقلىق، تۇتقاقلىق، لەقۋا، پالەچ، ئەزالارنىڭ بوشاپ كېتىشى، بىھۇشلۇق، مېڭە ئاجىزلىقى، نېرۋا ۋە پەي ئاجىزلىقى، باش ئاغرىقى، جىگەر، تال توسۇلۇش، تال قېتىش، بۆرەك ۋە دوۋساققا تاش چۈشۈش، ئومۇمىي بەدەن سۇلۇق ئىششىقى، جىنسىي ئاجىزلىق قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

مېڭىنى قۇۋۋەتلەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، غەيرىي تەبىئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، ماددىلارنى يۇمشىتىش، تارقىتىش، توسالغۇلارنى ئېچىش، بۆرەك، جىگەر، تال ۋە پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، مېڭە ۋە ئاشقازاننى تازىلاش، سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋان قىلىش خۇسۇسىيىتى بار

تەبىئىتى

ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق ئىسسىق.

خىمىيىلىك تەركىبى

ئەكىس تەسىرى

2پارچەئاسارۇنتەركىبىدە ئۇچۇچان ماي بولۇپ، ئاساسىي تەركىبى (eugenol methyl ) مېتىل ئېۋگېنولدىن ئىبارەت. ئۇندىن باشقا ئسارۇن كېتونى (Asarylketone ) بار.

ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

قۇشۇمچە تەسىرى

قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەرگە بېرىشكە بولمايدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

1. يەرلىك ئورۇننى مەست قىلىش تەسىرى بار. بۇنىڭدىكى ئۇچۇچان ماينى پاقىغا سىناق قىلغاندا ئولتۇرغۇچ نېرۋا ۋە تېرە،شۇنىڭدەك ئادەم تىلىنىڭ مەلۇم قىسمىنىڭ شىللىق پەردىلىرىنى مەست قىلىدۇ. بوغۇم ياللۇغىنى مەلۇم دەرىجىدە تورمۇزلايدۇ.

2. قىزىتما قايتۇرۇش، تىنىچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە. ئاسارۇن ئۇچۇچان مېيىنىڭ ئاغرىق قالدۇرۇش، تىنىچلاندۇرۇش تەسىرى بار ھەم تىف ۋە پاراتىف AB ئارىلاشما مىكروبلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان قىزىتمىلارنى ياندۇرىدۇ.

3. باكتېرىيىنى تورمۇزلاش رولى بار. ئاسارۇن قان ئېرىتكۈچى زەنجىرسىمان باكتېرىيە تولغاق تاياقچە باكتېرىيىسى، ئۈچەي كېزىكى تاياقچە باكتېرىيىسى ۋە سىل تاياقچە باكتېرىيىسى قاتارلىقلارغا تورمۇزلاش تەسىرىنى بېرىدۇ.

4. قان بېسىمىغا نىسبەتەن تەسىرى بار. ئاسارۇن چىلانمىسى 0.25 ~0.125 گرام كۆك قان تومۇرغا ئۇكۇل قىلىنسا ھۇشسىز ئىتنىڭ قان بېسىمىنى چۈشۈرىدۇ. لېكىن كۆز پەردىسى ۋە قان بېسىمىغا نىسبەتەن بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنىغا ئوخشاش تەسىرى بار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

5. زەھەرلىك ۋە باشقا تەسىرى: ئاسارۇننىڭ ئۇچۇچان يېغى پاقا، چاشقان، توشقان قاتارلىقلارغا نىسبەتەن قوزغىتىش تەسىرىگە ئىگە. داۋاملىق ئىشلىتىلسە تارتىشىش ھالەتلىرى يۈز بېرىپ، تەدرىجى ھالدا ئىختىيارىي ھەرىكەت ۋە نەپەس ھەرىكىتى ئاجىزلايدۇ ھەمدە ئىنكاس يوقۇلىدۇ. ئاخىرىدا ئۆلىدۇ. ئاۋۋال يۈرەك سېلىپ ئارقىدىنلا نەپەس ئېلىش توختايدۇ يۈرەك مۇسكۇلى، باشقا سىلىق مۇسكۇللارنى تورمۇزلاش تەسىرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏