چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق چوغلۇق بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «چۇغلۇق»، «سەللىگۈل» ياكى «ئاق شويىگۈل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىەتلەرگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاق چوغلۇق

خەنزۇچە نامى :白芍

ئىنگلىزچە :White Peony r

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق.

چۈشەندۈرۈشى

2پارچەئاق چوغلۇقئاق چوغلۇق بولسا چۇغلۇق ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك ئاق چۇغلۇق بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى «چۇغلۇق»، «سەللىگۈل» ياكى «ئاق شويىگۈل» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.رايونىمىزدىن ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.

ئىشلىتىلىشى

يۇقىرى قان بېسىمى، قورساق گۆشىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، پاچاق پېيىنىڭ تارتىشىپ قېلىشى، ھەيىزنىڭ كۆپ كېلىشى، قان يىرىڭلىق قۇرۇق ئىنجىق، كۆپ تەرلەش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدۇ.

خۇسۇسيىتى

تەشەننۇچنى بوشىتىش، ھارارەتنى پەسەيتىپ، قاننى سوۋۇتۇش، جىگەرنى يۇمشىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، ھەيزنى نورماللاشتۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خىمىيىلىك تەركىبى

پـائوتـى فـلـورىـن (Paeohiflorin)، ئـالـىـبـى فلورىن (Albl-florin)، بىنزول پائونى فلورىن(benzoyl paeni florin)، موزا كىسلاتاسى قاتارلىقلار بار.

ئەكىس تەسىرى

بۇ دورىنى مارالقۇلاق بىلەن قوشۇپ ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

ئىممۇنىتنى تەڭشەش، ھەرقايسى بەزلەرنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاغرىق توختىتىش، تىنچلاندۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، قان تومۇرلارنى تارايتىش، تېمپىراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، جىگەرنى قۇۋۋەتلەپ، باكتېرىيە ئۆلتۈرۈش، چوڭ تەرەتنى راۋان قىلىش تەسىرى بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏