چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پاقا يوپۇرمىقى بولسا ئۆسۈملۈكىنىڭ يۇپۇرمىقى بۇلۇپ ئاغرىق پەسەيتىش، قورۇش، تۇتۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :پاقا يوپۇرمىقى

خەنزۇچە نامى :车前草

ئەرەبچە نامى :لىنسانول ھۆمۈل

پارسچە نامى :بارىتەڭ

ئىنگلىزچە :Asiatis Plantain Herb

ئوردۇچە نامى :بارتەڭ

شەكلى :قوينىڭ تىلىغا ئوخشاش ئۇزۇنچاق

جىسمى :پۇراقلىق ھەم يېپىشقاق كېلىدۇ.

تەمى :ئاچچىق

ۋاقتى :كۈز

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

چۈشەندۈرۈشى

2پارچەپاقا يوپۇرمىقى پاقا يوپۇرمىقى  پاقا يوپۇرمىقى ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بۇلۇپ  يوپۇرمىقى كۈلرەڭگە مايىل يېشىل، ئەرى–بۈگرى، يۆگىمەچ كېلىدۇ. يوپۇرمىقى كەڭ، پۇراقلىق، يوپۇرماقنىڭ شەكلى قوينىڭ تىلىغا ئوخشاش ئۇزۇنچاق، پۇراقلىق ھەم يېپىشقاق كېلىدۇ، كۈز پەسلىدە يىغىۋىلىنىدۇ.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆپلىگەن جايلىرىدىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

غەيرىي تەبىئى سەپرا خىلىتنى تەڭشەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ئاغرىق پەسەيتىش، قورۇش، تۇتۇش قاتارلىق خۇسۇسىيىتى بار.

خاس تەسىرى

غەيرى تەبىئى خىلىتلارنى تەڭشىگۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

ئۆپكىگە ۋە تالغا قۇرۇقلۇق يەتكۈزىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

1. بەلغەم بوشۇتىدۇ. قايناتمىسى بەلغەم بوشۇتۇش تەسىرىنى بېرىدۇ.

2. باكتېرىيىدە قارشى تەسىرى بار. سۇدىكى چىلانمىسى باكتېرىيىگە قارشى تەسىرنى بېرىدۇ.

3. سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرى بار. سۇدىكى چىلانمىسى سۈيدۈك ھەيدەش تەسىرىنى بېرىدۇ.

4. ئاشقازان، ئۈچەيگە تەسىرى: ئاشقازان – ئۈچەي ئاجراتمىسى كۆپەيتىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏