چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىخ كەبىر غەيرى تەبئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، ئاغرىق پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بىخ كەبىر

خەنزۇچە نامى :刺山柑根皮 ci shan gan gen pi

ئەرەبچە نامى :بىخ كەبىر، قىشرى ئەسلىل تەبىر

پارسچە نامى :پوست بىخ كەبىر

ئىنگلىزچە :Root –bark of Common Caper

ئوردۇچە نامى :بىخ كبەر كى پوست

تونۇش :بۆرە سويمىسى يىلتىز پوستى

شەكلى :يىلتىزى چوڭ، توم ، پوستى قېلىن ، سارغۇچ رەڭلىك كېلىدۇ

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ، شىزاڭ،ئىران،ھىندىستان.

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

ئائىلىسى :كەپە ئائىلىسىدىكى پېلەكلىك چاتقال

خۇسۇسىيىتى

غەيرى تەبئىي بەلغەم خىلىتىنى تەڭشەش، توسالغۇلارنى ئېچىش، يەل تارقىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش، پەيلەرنى قۇۋۋەتلەش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئارتۇق ھۆللۈكنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

دورىلىق ئورنى

يىلتىز پوستى

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تەركىبىدە كاپپارىدىن (capparidin)، پوستى تەركىبىدە ،سىتاخىدىرىن (stahydrine)  قاتارلىقلار بار.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

سۇ قايناتمىسىنى چاشقاننىڭ قورساق قىسىمىغا ئۇكۇل قىلىپ ئۇرسا، ياللۇغ قايتۇرۇش تەسىرى بار. چاچقانغا يىگۈزسە ئاغرىق پەسەيتىش، قان قېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەسىرى بار.

خاس تەسىرى

ئېغىز بوشلۇقىدىكى ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش، ياللۇغ قايتۇرۇش، ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش

ئورۇنباسارى

ستۇفىل ئۆسۈملۈكىنىڭ گۈلى، ئۇرۇقى

ئەكىس تەسىرى

ئاشقازان ۋە دوۋساققا زىيانلىق

تۈزەتكۈچىسى

 خولىنجان ، سىركە ، ھەسەل، رۇم بەدىيان

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏