چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۆمۈر كېپىكى بولسا بۇ ئادەتتە «تۆمۈر پوقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. سۈيدۈك تۇتۇش بۆرەك ۋە مېڭىنى قۇۋەتلەش رولى بار .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۆمۈر كېپىكى

خەنزۇچە نامى :铁落

ئەرەبچە نامى :خۇبسلھىدىد

پارسچە نامى :تۆمۈر پوقى، چىركى ئاھىن

ئىنگلىزچە :iron Rust

ئوردۇچە نامى :لوپانوزەڭ

تەبىئىتى :ئىككىنچىدە دەرىجىدە ئىسسىق، ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق

چۈشەندۈرۈشى

2پارچەتۆمۈر كېپىكىتۆمۈرنى تاۋلىغان چاغدا تۆمۈردىن چىققان زەررىچە شەكىللىك دېتى بوقۇپ، قىزىق تكمۈنى سەندەلدە قويۇپ سوقسا، قاسراقلىرى چىقىدۇ، ئۇ ھاۋاغا يولۇقۇپ ئاسانلا ئۇۋىلىدۇ، ئاندىن ئۇنى يىغۋېلىپ، ئوتتا قويۇپ قىزىتىپ ناھايىتى يۇمشاق سوقۇپ تەييارلىنىدۇ. بۇ ئادەتتە «تۆمۈر پوقى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. يۇمشاق تالقان سوقۇپ، رەڭگى قىزغۇچ كېلىدۇ. قانچە ئۇششاق، قانچە نېپىز بولسا شۇنچە ياخشى.تۆمۈر تاۋلاش ئورنىدىن يىغىۋېلىپ، كۇشتە قىلىپ ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭدىن ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىن چىقىدۇ.

خۇسۇسيىتى

قان كۆپەيتىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش، ھەيىز تەڭشەش، ئۈچەي ۋە سۈيدۈك يولىدىكى يىرىڭلىق چاقىلارنى يوقىتىش، سۈيدۈك تۇتۇش بۆرەك ۋە مېڭىنى قۇۋەتلەش.

خاس تەسىرى

قان خىلىتىنى كۆپەيتكۈچى دورا.

ئەكىس تەسىرى

ئۆپكىگە زىيان قىلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

تۆت ئـوكسىــت تــۆمـۈر- فـىـرروم تىـتـرا ئـوكسـىـداتـوم، Fe2o3، Feo، ( F3O4)، (Ferrosic oxide) بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏