چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاجىگۈل ئۇرۇقى بولسا ئۆسۈملۈك تاجىگۈل (Celasia cristata.L) نىڭ ئۇرۇقى بۇلۇپ، يەل تارقىتىش، قان توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تاجىگۈل ئۇرۇقى

خەنزۇچە نامى :鸡冠花子

ئەرەبچە نامى :ئورفۇرددىك

ئىنگلىزچە :Cockscomb Seed

شەكلى :شەكلى يۇمىلاق، سىرتقى يۈزى سىلىق رەڭگى قارا

جىسمى :نېپىز ھەم چۈرۈك، ، پۇراقسىز كېلىدۇ.

تەمى :سۇس

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممە يېرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ

تەبىئىتى :بىرىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

چۈشەندۈرۈشى 

تاجىگۈل ئۇرۇقىتاجىگۈل ئۇرۇقى بولسا قامچىگۈل ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق  ئۆسۈملۈك تاجىگۈل (Celasia cristata.L) نىڭ ئۇرۇقى.شەكلى يۇمىلاق، سىرتقى يۈزى سىلىق رەڭگى قارانېپىز ھەم چۈرۈك، ، پۇراقسىز كېلىدۇ.تەمى سۇس.كۈز پەسلىدە مېۋىسى پىشقاندا، يىغىۋېلىندۇ.  شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ھەممە يېرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. 

خۇسۇسيىتى

كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، جىگەرنىڭ توسالغۇلىرىنى ئېچىش، ھەيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، سۈيدۈك ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قان توختىتىش تەسىرىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

كۆزنى قۇۋۋەتلەش، كۆزدىكى ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، كۆز مىزاجىنى تەڭشەش.

ئەكىس تەسىرى

سوغۇقچان كىشىلەردە باش ئاغرىق پەيدا قىلىدۇ.

فارماكولوگىيىلىك تەسىرى

قاينىتىلمىسى ئىنسانلارنىڭ جىنسى يول مويلۇق تامچە قۇرتىغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى تەسىرى بار. قۇرتلار دورا بىلەن ئۇچرىشىپ، بەش – ئون مىنۇتتىن كېيىن پۈتۈنلەي ئۆلىدۇ.

ئۈنۈملۈك تەركىبى

ئاقسىل، ۋىتامىنE,C,B2,B1  18 خىل ئامىنو كىسلاتاسى 22 خىل ئورگانىك ئېلېمنت، مايلىق ياغ قاتارلىق تەركىبلەر بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏