چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش زىرىق قۇرۇق ئىسسىق ۋە ھۆل ئىسسىق كەيپىياتنى تەڭشەش، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتىش، ئاشقازان ۋە جىگەرنىڭ ھارارىتىنى پەسەيتىش، قىزىتما قايتۇرۇش، قۇرۇق ھۆنى يوقىتىش، سەپرانى پەسەيتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :زىرىق

خەنزۇچە ئاتىلىشى :小檗实 xiao bo shi

ئەرەبچە نامى :ئەنبەر بارىس

پارسچە نامى :زەرەشكە

ئىنگلىزچە :Fruit of Turkestan Barberry

ئوردۇچە نامى :زەرەشكە

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن چىقىدۇ.

ۋاقتى :ياز ۋە كۈز

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

باشقا نامى :ئېرىق مېۋىسى

تونۇش 

زىرىققا ئۇرۇقداش چاتقال بولۇپ، ئېگىزلىكى 2 ~ 1.5 مېتىر كېلىدۇ، كۆپ شاخلىنىدۇ؛ يىلتىزى توم ۋە ئۇزۇن، رەڭگى سېرىق، تەمى ئىنتايىن قېرىق؛ يوپۇرماقلىرى قىسقا، شاخلىرىغا توپلىشىپ ئۆسىدۇ، شەكلى تەتۈر تۇخۇم شەكىللىك بولۇپ، تولۇق گىرۋەكلىك، كىچىك ۋە قىسقا كېلىدۇ، شاخ تۈۋىنىڭ تاشقى تەرىپىدە ئۈچ ئاچىلىق تىكىنى كۆپ، ئوتتۇرىسىدىكى ئۇزۇن، ئىككى تەرىپىدىكىلىرى قىسقا بولىدۇ؛ ئومۇمىي گۈل رېتى بولۇپ، گۈلى كىچىك، سېرىق؛ مېۋىسى شىرنىلىك، شار شەكلىدە بولىدۇ، پىشقاندا قارىيىدۇ. مېۋىسى «زىرىۋ» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏