چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بۇ مىڭئۆي تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان سىڭگىم ئېغىزىغا جايلاشقان. ئۇ ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى بىلەن بىر قاتاردىكى بۇددا دىنى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :سىڭگىم مىڭئۆيى

خەنزۇچە نامى :胜金口千佛洞

جۇغراپىيىلىك ئورنى :تۇرپان ۋىلايىتى

تەۋە دۆلەت :جۇڭگو

ھاۋا كىلىماتى :مۆتىدىل بەلۋاغنىڭ چۆل كىلىماتى

قۇرۇلۇشقا باشلىغان ۋاقىت :تاڭ سۇلالىسى

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

5پارچەسىڭگىم مىڭئۆيىبۇ مىڭئۆي تۇرپان شەھىرىنىڭ شەرقىگە 40 كىلومېتىر كېلىدىغان سىڭگىم ئېغىزىغا جايلاشقان. ئۇ ئىدىقۇت قەدىمكى شەھىرى بىلەن بىر قاتاردىكى بۇددا دىنى قۇرۇلۇشلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، تاڭ دەۋرىدە ياسالغان. قۇرۇلۇش كۆلىمى ئالاھىدە چوڭ بولۇپ، 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا 12 ئىبادەتخانا ساقلىنىپ قالغان. سىتەيىن قاتارلىقلار بۇلاڭ-تالاڭ قىلغاندىن كېيىن، ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان. ھازىر ساقلىنىۋاتقان كەمتۈك مىڭئۆيدىن 10 ى بار بولۇپ، ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تام سىزمىلىرى ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى بېغىشلىمىلار، تاغ باغرىدىكى قوشۇمچە ئىمارەت تىنبىراھما يېزىقى، ئۇيغۇر يېزىقى، سانسكرىت يېزىقىدىكى بۇددا نومى ۋە مەبۇتلار قېزىۋېلىندى. بايقالغان كەم ئۇچرايدىغان مانى دىنى تام سىزمىلىرى ناھايىتى يۇقىرى ئىلمىي تەتقىقات قىممىتىگە ئىگە.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏