چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى ئۆز زامانىسىدا كەڭ ئۇمۇملاشقان ساپال بويۇمنى كۆرسىتىدۇ. بۇيۇملار ئاق سېغىز توپا بىلەن ئىشلىنىپ، تەركىبىدە مىس، تۆمۈر، مانگان، كوبالت بولغان سىردا سىرلىنىپ، تۆۋەن تېمپۇراتۇرىدا قىزدۇرۇلۇپ ياسىلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى

خەنزۇچە نامى :唐三彩

چەتئەلچە نامى :Tang sancai ceramics

ئەۋج ئالغان ۋاقىت :تاڭ سۇلالىسى

ئاساسىي رەڭ :سېرىق، يېشىل، قوڭۇر

ياساش ھۈنەر - سەنئىتى  

4پارچەتاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرىتاڭ سۇلالىسىنىڭ رەڭلىك ساپاللىرى ئۆز زامانىسىدا كەڭ ئۇمۇملاشقان ساپال بويۇمنى كۆرسىتىدۇ. بۇيۇملار ئاق سېغىز توپا بىلەن ئىشلىنىپ، تەركىبىدە مىس، تۆمۈر، مانگان، كوبالت بولغان سىردا سىرلىنىپ، تۆۋەن تېمپۇراتۇرىدا قىزدۇرۇلۇپ ياسىلىدۇ. بۇ ساپال بۇيۇمنىڭ سىرىنىڭ رەڭگى يېشىل، قوڭۇر، سېرىق رەڭلەردە بولغاچقا ،تاڭنىڭ رەڭلىك ساپال بۇيۇمى <<ئۈچ>> دەپ ئاتالغان. ئۇنىڭ سىرى قېنىق -سۇسلۇق ئۆزگىرىشى ۋە رەڭدارلىقىدا بولۇپ، ناھايىتى جەلىپكار، يەنە ئۇنىڭ شەكلى نەپىس، نۇسخسى سەرخىل، ئاساسەن ئەينى دەۋىردىكى ئىمارەتلەر، ئۆي جاھازلىرى، كۈندىلىك بۇيۇم، ئۆي ھايۋانلىرى ۋە ئادەملەرنى ياساپ، گۈللەنگەن تاڭ دەۋىرىنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى نامايەن قىلغان. ئۇ شۇ زاماندىكى رەڭدار ئىجتىمائىي تۇرمۇش بىلەن خۇددى تىرىكتەك كۆرۈنىدىغان پېرسۇناژلارنىڭ ئوبرازلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، يەنە ئىجادىي ھالدا تۆۋەن تېمپۇراتۇرىلىق قوغۇشۇن سىر ئۇسلۇبىنىڭ رەڭدار ۋە يارقىن رەڭلىرىنى قوللىنىپ، قويۇق ئەل خاھىشىنى نامايەن قىلىپ، گۈللەنگەن تاڭنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئۇستىكارلارنىڭ يۇقىرى ماھارىتى ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ مىللىي ھۈنەر -سەنئىتىنىڭ ئېسىل ئەسىرىگە ئايلىنىپ، ساپالچىلىق خەزىنىسىگە ھۆسىن قوشتى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏