چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش غاپەس بولسا ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن چۆپى بۇلۇپ،سۈيدۈك ۋە ھېيىزنى راۋانلاشتۇرۇش، چاچ چىقىرىش، قان توختىتىش رولىغا ئىگە،

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :غاپەس

خەنزۇچە ئاتىلىشى :龙芽草

ئەرەبچە نامى :ھەشەكول غافەس

پارسچە نامى :خەلو

ئىنگلىزچە :Herb of Gairyvein Agrimoniae

ئوردۇچە نامى :غافەس

شەكلى :گۈلى ئۇزۇن، تار، ئىنچىكە،

تەمى :ئاچچىق

چۈشەندۈرۈشى

غاپەسغاپەس بولسا ئازغان ئائىلىسىدىـكـى ئىگـىـزلىـكـى50 ~ 120ســانـتـىـمـېـتـىـر ئەتراپىدا ئۆسـىـدىـغـان كـۆپ يىـلـلـىـق سامـان غولـلۇق ئۆسۈملۈكنىڭ قۇرۇتۇلغان پۈتۈن چۆپى.غول تۈۋى سىلىق، تۈكى يوق، غول يوپۇرماقلىرى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، ئۈستى شالاڭ، ئاستى قويۇق، بەزىلىرى ھەمرا يوپۇرمىقى قالغان، يۇقىرى تەرىپىدىكى غول يېشىلغا مايىل قوڭۇررەڭ ياكى سۇس سارغۇچ بېغىررەڭ بولۇپ، ئاق رەڭلىك يۇمشاق تۈكچىلەر بىلەن قاپلانغان، يوپۇرمىقى كۈل رەڭگە مايىل يېشىل رەڭلىك پۈرۈلگەن، گۈلى ئۇزۇن، تار، ئىنچىكە، رەڭگى نىل رەڭلىك بولىدۇ،  پۈتۈن چۆپىنىڭ ئازراق پۇرىقى بار، رەڭگى نىل كۆك ئاچچىق ئۇرۇق بىلەن كۆپىيىدۇ، مۆتىدىل كىلىماتتا ئۆسۈشكە ماسلاشقان، غۇلجا قاتارلىق ئورۇنلاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ،

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏