چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۆگە سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار سىنىپى ئاچا تۇياقلىقلار ئەترىتى تۆگە ئائىلىسىگە تەۋە بۇلۇپ، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالى، ئافرىقا قىتئەسى ۋە موڭغۇلىيە قۇملۇقى قاتارلىق جايلاردا يانتاقلىق ئۆسۈملۈك، چاتقال يوپۇرماقلىرى ۋە قۇرۇق ئوت-چۆپلارنى ئۇزۇقلۇق قىلىپ ياشايدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۆگە

خەنزۇچە ئاتىلىشى :骆驼

ئىنگلىزچە نامى :camel

تارقالغان رايونلار :ئاسىيا قىتئەسى، ھىندىستان، ئافرىقا قاتارلىق

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

تىپى :خوردىلىق ھايۋانلار تىپى

سىنىپى :ئەمگۈچىلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئاچا تۇياقلىقلار تۈركۈمى

ئائىلىسى :تۆگە ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :تۆگە ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ياۋا تۆگە قاتارلىقلار

كەنجى تىپى :ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار كەنجى تىپى

كەنجى سىنىپى :ھەقىقىي سۈت ئەمگۈچىلەر كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :گىدرازىن پۇتلۇقلار كەنجى تۈركۈمى

كۈشەندىسى :بۆرە

سىرتقى شەكىلى

11پارچەتۆگەقۇرامىغا يەتكەن تۆگىلەرنىڭ ئادەتتە بوي ئېگىزلىكى 1.85 مېتىر ( ئالتە ئىنگلىزچى)، بەزى تۆگىلەرنىڭ 2.15 مېتىرمۇ كېلدۇ. قوش لوكىلىق تۆگىلەرنىڭ تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3 مېتىر كېلىدۇ . 

تۆگىنىڭ بېشى كىچىكرەك، بوينى توم ھەم ئۇزۇن، ئەگرى مەسىلەن: غاز بويۇن، بەدىنى ئېگىز، بەدەن تۈكلىرى قوڭۇر بولىدۇ. بۇرۇن تۆشۈكى، پۇتلىرى ئىنچىكە، ئۇزۇن، تۇيىقى چوڭ. مەسىلەن: ئىككى بارمىقى، تاپىنىدا قىلىن پوستى باربۇلۇپ، قۇملۇقتا مېڭىشقا باب كېلىدىغان ئالاھىدىلىكى بار. قۇيرۇقى ئىنچىكە، ئۇزۇن، قۇيرۇق ئۇچى تۈكلۈك. دۈمبىسىدە  لوكىسى بار،  لوكىسىنىڭ ئىچىدە ماي ساقلاقلىق.  يىرىك ئوت - چۆپ ۋە چاتقاللارنى ئۇزۇقلۇق قىلدۇ. تەخمىنەن 30 يىل ئۆمرى بولىدۇ . 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏