چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئىسكىرىپكا كىچىك تارلىق چالغۇلار ئىچىدە ئەك كەڭ تارقالغان بىر خىل تارىلىق چالغۇ، شۇنداقلا غەرب مۇزىكىلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم چالغۇلارنىڭ بىرى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئىسكىرىپكا

خەنزۇچە نامى :小提琴

چەتئەلچە نامى :Violin، IL Violino

تۈرى :تارلىق چالغۇ ئەسۋابلىرى، غەرب چالغۇلىرى

مەنبە ۋاقتى :17-ئەسىر

تەتبىقلاش ساھەسى :يالغۇز چېلىش، سىمفونىيە، خانا مۇزىكىسى

ئەمەلىي پەن :مۇزىكا ئورۇنداش

باشقا نامى :چالغۇ خانىشى

قىسىچە تونۇشتۇرۇش 

4پارچەئىسكىرىپكائىسكىرىپكا كىچىك تارلىق چالغۇلار ئىچىدە ئەك كەڭ تارقالغان بىر خىلى، شۇنداقلا غەرب مۇزىكىلىرىدىكى ئەڭ مۇھىم چالغۇرنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بەدىئىي ئىپادىلەش كۈچى مول، ئاۋاز سۈپىتى يېقىملىق، ئىپادىلىگەن مەزمۇنى چوڭقۇر، ئادەمنىڭ ئاۋازىغا يېقىن كېلىدۇ، ناخشىدەك جەلپكالىققا ئىگە. شۇڭا كىشىلەرنىڭ يۈكسەك ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن. ئىسكىرىپكا بىلەن ھەم لىرىك مېلوديىلەرنى ئورۇندىغىلى ھەم ماھارەت ئورغۇپ تۇرىدىغان چىرايلىق مۇزىكا بۆلەكلىرىنى ئورۇندىغىلى بولىدۇ، يەنە رېتىم چالغۇسى قىلىپ ئىشلەتلىكى بولىدۇ. شۇڭا، ئۇ دۇنياغا كەلگەن كۈندىن باشلاپلا ئىزچىل ھالدا چالغۇ دۇنياسىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن، سوناتاغا تەڭكەش قىلىپ چېلىنىدىغان مۇزىكىلاردا كەم بولسا بولمايدىغان چالغۇ بولۇپ، كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹ چالغۇلار خانىشى›› دەپ تەرىپلەنگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏