چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قىش كىرەي دەپ قالغاندا ياكى ئاخىرلىشىاي دېگەندە ياغقان يامغۇر تامچىسى تېمپېراتۇرىسى 0 دىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن قېتىشمىغان «زىيادە سوغۇق سۇ تامچىسى» بولۇپ، بۇ سۇ تامچىلىرى يەرگە چۈشكەندە، قاتتىق جىسىملارغا يۇلۇقسىلا، ناھايىتى تېز قىتىشىدۇ، شۇڭا ئۇ «توڭ يامغۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

قىسقىچە مەزمۇنى

بەزىدە قىش كىرەي دەپ قالغاندا ياكى ئاخىرلىشىاي دېگەندە، يامغۇرنىڭ دەرەخ سىملىرى ياكى توك سىملىرىغا چۈشۈپ، بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىدە بىر قەۋەت مۇز قەۋىتى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرىمىز، يامغۇر ياغقانلىقى ئېنىق تۇرسا، توك سىملىرىغا چۈشۈپلا نېمىشقا مۇزغا ئايلىنىپ قالىدۇ؟ ئەسلىدە بۇ خىل يامغۇر تامچىسى تېمپېراتۇرىسى 0 دىن تۆۋەن بولسىمۇ، لېكىن قېتىشمىغان «زىيادە سوغۇق سۇ تامچىسى» بولۇپ، بۇ سۇ تامچىلىرى يەرگە چۈشكەندە، قاتتىق جىسىملارغا يۇلۇقسىلا، ناھايىتى تېز قىتىشىدۇ، شۇڭا ئۇ «توڭ يامغۇرى» دەپ ئاتىلىدۇ.

شەكىللىنىشى

قىش يېڭىلا باشلانغاندا ياكى ئاخىرلىشاي دېگەندە، ئاتموسفېرادا تۆۋەندىكىدەك قاتلاملارنى شەكىللەندۇرىدۇ: 

يەر يۈزىگە يىقىن قاتلامدىكى ھاۋا تېمپېراتۇرىسى 0 دىن تۆۋەن بولىدۇ. ئۇنىڭ يۇقىرىسىدا تېمپېراتۇرىسى 0 دىن يۇقىرى بولغان ھاۋا قاتلىمىسى ياكى بۇلۇت قاتلىمىسى بولىدۇ . يەنە يۇقىرى ئۆرلىگەنسىرى تېمپېراتۇرىسى 0 دىن تۆۋەن بولغان بۇلۇت قاتلىمىسى بار بولۇپ قاتلىمىدىن ياغقان قار ئىللىق ھاۋا ئېقىمىدىن ئۆتكەندە يامغۇرغا ئايلىنىپ داۋاملىق تۆۋەنگە چۈشىدۇ. يامغۇر تامچىسى يەر يۈزىگە يىقىن قاتلامدىكى تېمپېراتۇرىسى 0 دىن تۆۋەن بىلەن ئۇچراشقاندا، كىچىكرەك يامغۇر تامچىلىرى تېزلا قېتىپ «مۇز دانچىلىرى» غا ئايلىنىپ يەرگە چۈشىدۇ؛ سەل چوڭراق يامغۇرتامچىلىرىنىڭ مۇزلاش نۇقتىسى تۆۋەنرەك بولغاچقا قېتىشقا ئۈلگۈرمەيلا (توڭ يامغۇر) بولۇپ يەرگە چۈشىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏