چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تۇمان كۆپ مىقداردىكى ئۇششاق سۇ تامچىللىرى ياكى مۇز كىرىستاللىرىنىڭ يەر يۈزىگە يىقىن بولغان ئاتموسفېرالىرىدا لەيلەپ يۇرۇپ، ھاۋانى بولغاپ، كۆرۇنۇش دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىۋىتىدىغان سۇ پارلىرىنىڭ ئۇيۇشۇشدىن ئىبارەت.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تۇمان

خەنزۇچە ئاتىلىشى :

ئىنگىزچە نامى :fog

مەنبەسى :ھاۋارايى ھادىسىلىرى

رەڭگى :سۈزۈك (رەڭسىز)

شەكىللىنىشى

9پارچەتۇمانھاۋا سىغدۇرالايدىغان سۇ پارلىرىنىڭ ھەرىكىتى چەكلىك بولۇپ ھاۋادىكى سۇ پارلىرىنىڭ مىقدارى يۇقىرى چەككە يەتكەن ۋاقىت، سۇ پارلىرىغا تويۇنۇش دەپ ئاتىلىدۇ. تېمپېراتۇرا قانچە يۇقىرى بولسا، ھاۋا سىغدۇرالايدىغان سۇ پارلىرىنىڭ مىقدارىمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. مەسىلەن : بىر كۈپ مېتىر ھاۋادا، تېمپېراتۇرا 4 گرادۇس بولغاندا، سىغدۇرالايدىغان سۇ پارىنىڭ مىقدارى 6.36 گىرام بولىدۇ؛ شۇڭا ھاۋادىكى سۇ پارىنىڭ مىقدارى نورمال تويۇنۇش مىقدارىدىن ئېشىپ كەتسە ، ئۇيۇشۇپ سۇ تامچىسىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بۇنى ئاساسلىقى تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. 

يەر يۈزىنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىشى، يەر يۈزى تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ ھەم شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەر يۈزىگە يېقىن بولغان ھاۋا قاتلىمىنىڭ تېمپېراتۇرىسىغا تەسىر يەتكۇزۇپ، تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ. ئەگەر يەر يۈزىگە يېقىن ھاۋا قاتلىمى نەم بولسا، ھاۋادىكى سۇ پارىنىڭ مىقداىمۇ كۆپ بولسا، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە، ھاۋادىكى بىرقىسىم سۇ پارلىرى ئۇيۇشۇپ، كىچىك سۇ تامچىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ، ھەمدە يەر يۈزىگە يىقىن ھاۋا قاتلاملىرىدا لەيلەپ يۇرىدۇ، ئەگەر يەر يۈزىگە يىقىن بولغان ھاۋا قاتلىمىدىكى سۇ تامچىلىرىنىڭ مىقدارى كۆپ بولسا، كىشىلەرنىڭ كۆرۇش سىزىقىغا تەسىر يەتكۇزىدۇ ۋە تۇماننى شەكىللەندۇرىدۇ. تۇمان مانا مۇشۇنداق شەكىللىنىدۇ ، شۇڭا تۇمان ھەرگىزمۇ ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس، تۇمان بىلەن بۇلۇت ئوخشاشلا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلىگەندىن كېيىن سۇ پارلىرىنىڭ ئۇيۇشىشىدىن ھاسىل بولغان. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، تۇمانمۇ يەر يۈزىگە يېقىن بۇلۇت ھېسابلىنىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏