چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش فرىنوزوما كەسلەنچۈكى، باشقا نامى تاجسىمان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك، ئىنگلىزچە نامى Horned toad,Horned lizard، ئەڭ قىسقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 سانتىمىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12.5 سانتىمېتىردىن ئارتۇق، ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي كالىفورنىيە، تېكساس شىتاتى ۋە مېكسىكا قۇملۇقىغا جايلاشقان، «يوقىلىش خەۋپىگە ئۇچراۋاتقان ياۋايى ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر تۈرلىرى ھەققىدىكى خەلقئارا سودا ئەھدىنامىسى» قوشۇمچە ماتېرىيالنىڭ 2-تۈرىدە قوغداش كىرگۈزۈلگەن.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :فرىنوزوما كەسلەنچۈكى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :角蜥

ئىنگلىزچە نامى :Horned toad,Horned lizard

تارقالغان رايونلار :ئامېرىكىنىڭ غەربىي جەنۇبىي كالىفورنىيە، تېكساس شىتاتى ۋە مېكسىكا قۇملۇقى

تەۋەلىكى :ھايۋانلار دۇنياسى

سىنىپى :ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى

ئائىلىسى :كەسلەنچۈكلەر ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك ئۇرۇقدىشىئاگامىد كەسلەنچۈكى

باشقا نامى :تاجسىمان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك

سىرتقى شەكىلى

2پارچەفرىنوزوما كەسلەنچۈكى رەسىملىرى

 فرىنوزوما كەسلەنچۈكى باشقا نامى تاجسىمان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئۆمىلىگۈچىلەر سىنىپى كەسلەنچۈكلەر ئائىلىسىگە تەۋە. فرىنوزوما كەسلەنچۈكىنىڭ بېشىدا خەنجەر شەكىللىك تىكەنلىرى بار، چار پاقىغا ئوخشايدۇ، تېنى ياپىلاق، شەكلى تۇخۇم شەكىللىك، بېشى قىسقىراق ، ئۇچى يۇمىلاق ، كەڭلىكى ۋە ئېگىزلىكى تەڭ، تېنىنىڭ ئىككى يېقىدا ئۇچلۇق ئىچ يان تەڭگىچىلەر بار، بوينى توم ھەم قىسقا. پۇت - قوللىرى بىر قەدەر قىسقا. قۇيرۇقى ئانچە ئۇزۇن ئەمەس، تۇتقۇچى كەڭ، ئۇچى ئۇچلۇق، باشقا كەسلەنچۈكلەرگە ئوخشاش ئۇنداق ئاسان قاسىراق تاشلاش ئارقىلىق كۈشەندىلىرىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. باش قىسمى قىزغۇچ قوڭۇر رەڭدە ، ئاستىنقى قىسمى سېرىق، سەل قوشۇش قوڭۇر رەڭلىك داغلار بار. بەدەننىڭ ئارقا تەرىپى سۇس قۇم رەڭ ياكى سارغۇچ رەڭ، بوغۇز قىسمىنىڭ ئىككى يېنى بىلەن دۈمبە قىسمىغا ئوخشاش رەڭلىك چوڭ چىپار داغلار بار، باش قىسمىنىڭ ئارقا تەرىپىگە ئىككى كۆزى ئۈستىگە يەنە سەككىز نۇر شەكىللىك تىزىلغان ئۇچلۇق تىكىنى بار، تەن سىرتىدا تەرىپىدىن قوپال قاسىراقلىق تىكەن بار، شۇڭا شۇنداق ئاتالغان مۈڭگۈزلۈك كەسلەنچۈك دەپ ئاتالغان، ئەڭ قىسقىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 7.5 سانتىمىتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 12.5 سانتىمېتىردىن ئارتۇق.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏