چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لانىنا ئېكۋاتوردىكى تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدىكى دېڭىز يۈزى تېمپېراتۇرىسى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇق ھادىسىسى تىروپىك بەلباغ دېڭىز-ئوكيان ۋە ئاتموسفېرا ئورتاق تەسىر كۆرسىتىشىنىڭ مەھسۇلى.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :لانىنا ھادىسى

خەنزۇچە نامى :拉尼娜现象

چەتئەلچە نامى :La Nina phenomenon

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

لانىنا ھادىسىلالىنا - ئىسپان تىلىدىكى Lalina سۆزىنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ، بۇخىل ھادىسە يۈز بەرگەندە ئوتتۇرا شەرىق تىنىچ ئوكياننىڭ ئېكۋاتور رايۇنىدىكى ئوكيان يۈزىدە «ئېرنىنو» بىلەن قارىمۇقارشى ھالدا تېمپېراتۇىدا ھەددىدىن زىيادە تۆۋەنلەش كۆرۈلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن مېتىېئورولوگىيە ساھەسىدىكىلەر بۇ خىل ھادىسىىنى «قارشى ئېرنىنۇ» دەپ ئاتىغان. ئېرنىنو ھادىسىسى «مۇقەددەس بوۋاق» ياكى «تەڭرىنىڭ ئوغلى» بولغانىكەن، لالىنا تەبىئىي ھالدا «مۇقەددەس قىز» دەپ ئاتالغان.

لالىنا داۋاملىق ئېرنىنۇنىڭ ئارقىسىدىن ئەگىشىپ كىلىدۇ، مەسىلەن: 1997 - 1998 - يىللىرىدا كۈچلۈك ئېرنىنۇ ھادىسىسى يۈز بەگەن. 1998-يىلى 5-ئاينىڭ ئاخرىغا كەلگەندە بولسا لالىنا شۇنىڭدىن ئۇلىشىپلا يۈز بەرگەن. لالىنا يۈز بەرگەندە، گەرچە ئېرنىنودەك پۈتۈن دۇنيانى قالايمىقان قىلىدىغان كىلىمات ئۆزگىرىشى يۈز بەرمىگەن بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا دۇنياغا تىنىچسىزلىق ئېلىپ كەلگەن. 

ئېرنىنو بىلەن لالىنا بەئەينى بىر چاتاقچىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار پۈتۈن دۇنيانى خاتىرجەمسىز قىلىدىغان بولغاچقا، كىشىلەر ئۇنى «يىرگىنچلىك ئاكا-سىڭىل» دەپ ئاتىغان.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏