چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قۇشقاچ مېڭىسى بولسا ئـاق قـۇشـقـاچ(Stenneger Passer montanus saturatus) نىڭ مېڭىسى بۇلۇپ،بەدەننى قىزىتىش، سەمرىتىش، باھنى قوزغاش، مەنىينى كۆپەيتىش، بۆرەكنى قۇۋۋەتلەش رولى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قۇشقاچ مېڭىسى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :麻雀脑

ئەرەبچە نامى :دىماغى ئەسەفىر

پارسچە نامى :دىماغى كۇنجۇشك

ئىنگلىزچە :brain of spadger

ئوردۇچە نامى :چىرىياكى دىماغ

شەكلى :رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ، پارقىراق

جىسمى :سەل بېلىق پۇرىقى پۇرايدۇ.

تەمى :تەمى تېتىقسىز

چىقىش ئورنى :شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

تۇنۇش نامى :ئـاق قـۇشـقـاچ(Stenneger Passer montanus saturatus) نىڭ مېڭىسى

چۈشەندۈرۈشى 

2پارچەقۇشقاچ مىڭىسىقۇشقاچ  بولسا ھـەمـمـىـگە تـونـۇش بـولـغـان ئـاق قـۇشـقـاچ(Stenneger Passer montanus saturatus)  نىڭ مېڭىسى بۇلۇپ،رەڭگى ئاقۇچ كۈل رەڭ، پارقىراق سەل بېلىق پۇرىقى پۇرايدۇ.  تەمى تېتىقسىز،3~4-ئايلاردا يېتىلگەن قۇشقاچنى تۇتۇۋېلىپ(ئەركەك قۇشقاچ بولسا تېخىمۇ ياخشى)، بېشىنى كېسىپ، تېرىسى، ئېغىزى ۋە ئارتۇق گۆشلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ۋاقتىدا قۇرۇتىلىدۇ.شىنجاڭنىڭ ھەممە جايلىرىدىن تېپىلىدۇ.

خاس تەسىرى

مېڭىنىڭ ماددا ئالمىشىشنى ياخشىلاش، مىڭىنى ۋە ئومۇمىي بەدەننى قۇۋۋەتلەش.

ئەكىس تەسىرى

 ئىسسىق مىزاج كىشىلەرگە زىيان قىلىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏