چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەدرىمانە بولسا ئۆسۈملۈك ياۋا زىرە بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى يەنى ئۇرۇقى قەرەدمانە ياكى ياۋا زىرە نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. ئەزالارنى قۇۋۋەتلەش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەدرىمانە

خەنزۇچە ئاتىلىشى :野孜然

ئەرەبچە نامى :ياۋا زىرە ، قەرەدمانە

پارسچە نامى :تۇخۇمى تۇخرە

ئىنگلىزچە :Lagoecia Cuminoides L

ئوردۇچە نامى :قەردمانا

جىسمى :گۈلى كۆككە مايىل ئاق، ئۇششاق، چېچىلاڭغۇ بولىدۇ.

تەبىئىتى :ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق

چۈشەندۈرۈشى 

2پارچەقەدرىمانەقەدرىمانە بولسا كۈنلۈكسىمان گۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك ياۋا زىرە بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى يەنى ئۇرۇقى قەرەدمانە ياكى ياۋا زىرە نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ. بۇنىڭ گۈلى ۋە ئۇرۇقى زىرە رۇمىغا ئوخشايدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئۇرۇقى كەرۋىيانىڭ ئۇرۇقىدىن ئۇزۇنراق، يوپۇرمىقى ۋە يىلتىزىمۇ كەرۋىيانىڭكىدىن چوڭراق، شېخى ئېگىزرەك ۋە يىرىك بولۇپ، ئۆسۈملۈكى بابۇنە ئۆسۈملۈكىگە ئوخشايدۇ، گۈلى كۆككە مايىل ئاق، ئۇششاق، چېچىلاڭغۇ بولىدۇ.7-8-ئايلاردا يىغىۋېلىنىدۇ. ئەرمەنىستان، ھىندىستاندىن چىقىدۇ،ئاساسەن تاغ، چۆللەردە، باغ ۋە ئېتىز-ئېرىق بويلىرىدا ئۆسىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏