چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش تەبرىكنۇر مېۋىسى 8-ئايدا پىشىدۇ. يەرگە چۈشكەن مېۋىلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ، دەرىخى سوغۇققا چىداملىق.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :تەبرىكنۇر

خەنزۇچە ئاتىلىشى :祝光苹果

قىسقىچە چۈشەندۈرۈش

تەبرىكنۇربۇ سورتنىڭ دەرىخى يېغىنچاق ۋە تىك شەكىلدە ئوتتۇرا ھالدىن ئېگىزرەك ئۆسۈپ راۋاجلىنىدۇ . مېۋە شاخچىلىرى قېلىن ، ياش نوتىلار كۆپ چىقىدۇ . شاخچىلار پۇتاپ شالاڭلىتىلمىسا قېلىنلىشىپ كېتىدۇ ، قىسقارتىلمىسا تىكلىشىپ كېتىدۇ . يوپۇرمىقى ئۇششاق ، شەكلى سوزۇنچاقسىمان ، دەرىخى 5-6 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ . 

تەبرىكنۇر بىر قەدەر مول مەھسۇلاتلىق ، لېكىن مېۋىلىرى يېتىلىش بىلەن كۆپرەك تۆكۈلىدۇ ، 8- ئايدا پىشىدۇ . يەرگە چۈشكەن مېۋىلىرى يېرىلىپ كېتىدۇ ، دەرىخى سوغۇققا چىداملىق . 

مېۋىنىڭ شەكلى 

تەبرىكنۇر مېۋىسىنىڭ شەكلى سوزۇنچاق دۈگىلەك ، ئېغىرلىقى 130 گرام ئەتراپىدا ، رەڭگى كۆكۈچ ، پىشقاندا سۈزۇلىدۇ ، ئاپتاپ تەگكەن تەرىپى قىزغۇچ كۆكۈچ رەڭگە كىرىدۇ . سۇس قىزىل سىزىقچىلىرى بار .

تەمى

 تەبرىكنۇر مېۋىسىنىڭ شۆپىكى نېپىز ، ئېتى چۆرۈك ، تەملىك ، سۇلۇق ، تاتلىق ، بەكرەك پىشسا ئېتى بوشايدۇ . كارتۇچكا ئالمىدەك قۇمساڭغۇ بولۇپ ، سۈيى قاچىدۇ ، خۇشبۇي مېۋە ساپىقى ئۇزۇن . 



يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏