چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۆسۈملۈكنىڭ نۇر چۈشكەن تەرىپىدىن نۇر چۈشمىگەن تەرىپىگە يۆتكىلىدۇ. نەتىجىدە نۇر چۈشمىگەن تەرەپنىڭ ئۆسۈشى تېز، نۇر چۈشكەن تەرەپنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن

خەنزۇچە نامى :植物生长素

چەتئەلچە نامى :IAA

خىمىيەلىك ماھىيىتى :ئىندول ئاتسېتىك كىسلاتا

ساھە :بىئولوگىيە

ئۆسۈملۈك ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن 

ئائۇكسىن ھۈجەيرە بۆلۈنگەندە ئۆزىگە ۋە بۆلۈنۈش، مېۋە يېتىلىش، قەلەمچە قىلغاندا يىلتىز شەكىللىنىشى ۋە يوپۇرماق تاشلاش داۋامىدا رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ئائۇكسىن ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان β - ئىندول ئاتسېتىك كىسلاتا  تەبىئىي مەۋجۇت. سۈنئىي بىرىكتۈرۈلگەن رولى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈشىنى تەڭشىگۈچى يەنە راپىن، ستوكىنىن، گىببېرېللىنس، ناترىي نافتالېن ئاتسېتات، ئامىن يېڭى ئېستېر قاتارلىقلار بار. 

يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچىنىڭ ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ تارقىلىشىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى

غولنىڭ ئارقىسىدىن ئۆسۈشى ۋە يىلتىزىنىڭ ئۆسۈشىنى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ تارقىلىشىنىڭ تەكشى بولماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، يەنى قۇياش نۇرى چۈشكەن تەرەپتە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ تارقىلىشى ئاز، قۇياش نۇرى چۈشمىگەن تەرەپتە ئۆستۈرگۈچى ھورمۇننىڭ تارقىلىشى كۆپ بولىدۇ. يەنى ئۆستۈرگۈچى ھورمۇن ئۆسۈملۈكنىڭ نۇر چۈشكەن تەرىپىدىن نۇر چۈشمىگەن تەرىپىگە يۆتكىلىدۇ. نەتىجىدە نۇر چۈشمىگەن تەرەپنىڭ ئۆسۈشى تېز، نۇر چۈشكەن تەرەپنىڭ ئۆسۈشى ئاستا بولىدۇ، شۇڭا ئۆسۈملۈك تېنى يورۇقلۇق بار تەرەپكە ئىگىلىدۇ، غولى يۇقىرىغا قاراپ ئۆسىدۇ؛ 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏