چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىخ ئۇلاش- ئەلا سورتلارنىڭ شېخى ياكى بىخىنى باشقا بىر تۈپنىڭ شاخ ۋە غولىغا ياكى يىلتىزىغا ئۇلاپ، ئۇلانغان جاي پۈتۈپ ئەي بولۇپ يېڭى تۈپ ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ.

قىسقىچە تونۇشتۇرۇش 

ئۇلاش- ئەلا سورتلارنىڭ شېخى ياكى بىخىنى باشقا بىر تۈپنىڭ شاخ ۋە غولىغا ياكى يىلتىزىغا ئۇلاپ، ئۇلانغان جاي پۈتۈپ ئەي بولۇپ يېڭى تۈپ ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ يېڭى تۈپ ئۇلانغان كۆچەت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلىنىدىغان شاخ ياكى بىخ ئۇلاق بېشى ياكى ئۇلاق بىخ دەپ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە ئۇلاق بېشىنىڭ يىلتىز سېستىمىسى ساقلىنىپ قالىدۇ، بۇ ئادەتتە ئۇلاق تۈۋى دەپ ئاتىلىدۇ. 

ئۇلاقچىلىقنىڭ نۇرغۇن ئارتۇقچىلىقلىرى بار، ئۇلىماقچى بولغان كۆچەتلەر ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ، شۇڭا ئىككى تەرەپنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىدىن تەڭ پايدىلانغىلى بولىدۇ. مەسلەن، ئۇلىماقچى بولغان تۈپنىڭ بويى پاكار، قارشى تۇرۇش كۈچى كۈچلۈك ( سوغۇققا، قۇرغاقچىلىققا، ھۆلچىلىككە، شورغا، كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارغا ) بولسا، بۇنداق ئەلا سورتلارنى ئۇلاش ئارقىلىق كېڭەيتىش، ئۇلاق بېشىنى ئادەتتە ئەلا سورتلاردىن ئېلىش ھەم پىشقان ۋاقتىدا ئېلىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا ئۇنىڭ ئەلا تەرىپىنى ساقلاپ قالغىلى بولىدۇ. يەنە بەزى دەرەخلەرنى قەلەمچە قىلىش، شاخ باستۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئوڭايلىقچە يىلتىز تارتمايدۇ، شۇڭا چوقۇم ئۇلاش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ. 

تۈرلىرى چۈشەندۈرۈلىشى 

ئۇلاق ئاساسلىقى شاخ ئۇلاق، بىخ ئۇلاق، يارما ئۇلاق دەپ ئۈچ خىل بولىدۇ. شاخ ئۇلاق بولسا ئۆسۈملۈك تۆۋەندىكى بىخى بار بولغان شاخنى ئۇلاق بېشى قىلىپ ، ئۇلاق تۈپىگە ئۇلاشنى كۆرسىتىدۇ. بىخ ئۇلاقبىخنى ئۇلاق تۈپىگە ئۇلاشنى كۆرسىتىدۇ.

يارما ئۇلاق ئۇلاق بېشى بىلەن ئۇلاق تۈۋى ھەر ئىككىلىسى قىيپاشلىنىپ، ئاندىن بىر بىرىنى چىڭ جىپىسلا شتۇرۇپ باغلاپ، ئۇلانغان جاي پۈتكەندىن كېيىن ئۇلاق بېشىدىن چىققان شاخنى ئۇلاق تۈۋىنىڭ يىلتىزىغا قالدۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏