چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
بېھى (Cydonia oblonga Miler)، ئەتىرگۈل ئائىلىسى (Rosaceae)، بېھى ئۇرۇقدىشى (Chaenimeles lindl) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ. ئاپتونۇم رايونىمىزدا بېھىنىڭ ئۆستۈرۈلۈش تارىخى ناھايىتى ئۇزۇن بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈلىدۇ.
ئۇيغۇرچە نامى :بېھى
خەنزۇچە ئاتىلىشى :榅桲
ئىنگلىزچە نامى :Cydonia oblonga
تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى :ئەتىرگۈل ئائىلىسى (Rosaceae)
ئۇرۇقداشلىرى :بېھى ئۇرۇقدىشى (Chaenimeles lindl)
تۈرى :بېھى
لاتىنچە نامى :Cydonia oblonga Mill
باشقا نامى :金苹果、木梨
بېھىيۇپۇرمىقى ئۇزۇنچاق تۇخۇم شەكىللىك يوپۇرماق بۇلۇپ، شالاڭ ئۇزۇن ئېللىپس شەكىللىك تۇخۇمسىمان شەكلىدە ئۆسىدۇ. ئۇزۇن 4-7 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5 - 4 سانتىمېتىر ، ئالدى تەرىپى تەدىرىجى تارىيىدۇ، تۈپى قىسمى يۇملاق ھەرە چىشىدەك كېلىدۇ، يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 2 - 5 سانتىمېتىر ، تۈكسىز ، تاقىر.
بېھىكۈنلۈكسىمان گۈل رېتى بولۇپ ، 3 ~ 6 تال گۈلى بار، ئومۇمىي گۈل سېپىدە شالاڭ تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، گۈل چېچىكى ئاق رەڭلىك، ئاتىلىق گۈل بەرگى سەل قىسقا، ئانىلىق گۈل بەرگى ئاتىلىققا يېقىن ئۇزۇنلۇقتا بۇلۇپ، تۈۋى قىسمىدا شالاڭ ئۆسكەن يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ .
مېۋىسى تۇخۇم شەكىللىك ياكى ئېللىپس شەكىللىك بولۇپ ، دىئامېتىرى 1 - 1.5 سانتىمېتىر، مېۋە پوستى سېرىق ، مېۋە يۈزىدە يۇمشاق قوڭۇر رەڭ تۈكچىلەر بار. چۈرۈك ، شىرنىلىك ، تەمى چۈچۈمەل.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى