چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق سەبدەگۈل دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى 17 مېتىر، شاخلىرى كەڭرى، كەڭ كۈنلۈكسىمان دەرەخ تاجىسى بار؛ كۆكرەك ئېگىزلىكىدىكى غولىنىڭ دىئامېتىرى 30 سانتىمېتىر؛ دەرەخ قوۋزىقى كۈل رەڭ؛ يۇمران يۇپۇرمىقى خۇش پۇراق؛ يۇمران شاخ ۋە بىخلىرىدا قويۇق سارغۇچ ئاق رەڭلىك كىچىك يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، كونا تۈكلىرى ئاستا - ئاستا چۈشۈپ كېتىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاق سەبدەگۈل

خەنزۇچە ئاتىلىشى :白兰

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

ئائىلىسى :ماگنولىيە ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :مىخېلىيە چاتقىلى ئۇرۇقدىشى

تۈرى :ئاق سەبدەگۈل

لاتىنچە نامى :Michelia alba DC

كەنجى سىنپى :ئىپتىدائىي گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى

ئەترىتى :ئېيىقتاپان ئەترىتى

مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى 

6پارچەئاق سەبدەگۈلئاق سەبدەگۈل دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى 17 مېتىر، شاخلىرى كەڭرى، كەڭ كۈنلۈكسىمان دەرەخ تاجىسى بار؛ غولىنىڭ دىئامېتىرى 50 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ دەرەخ قوۋزىقى كۈل رەڭ؛ يۇمران شاخلىرى خۇش پۇراق؛ يۇمران شاخ ۋە بىخلىرىدا قويۇق سارغۇچ ئاق رەڭلىك كىچىك يۇمشاق تۈكچىلەر بولىدۇ، كونا تۈكلىرى ئاستا - ئاستا چۈشۈپ كېتىدۇ. يوپۇرمىقى نېپىز، ئۇزۇن سوقىچاق ياكى تۆمۈنىسىمان يوپۇرماقلىق شەكىللىك بولۇپ، ئۇزۇنلىقى 10-27 سانتىمېتىر، كەڭلىكى 4 - 9.5 سانتىمېتر، ئالدى ئۇچىدىكى ئۇزۇن ئۇچلۇق ياكى قۇيرۇقسىمان ئۇچلۇق، تۈۋى قىسمى شىنا شەكىللىك، ئۇستى تەرىپى تۈكسىز، تۆۋەنكى قىسىمىدا شالاڭ ئۆسكەن مىكرو تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ، قۇرۇق ۋاقتىدا ئىككى تەرىپى تورسىمان تومۇرلۇق ناھايىتى كۆرۈنەرلىك؛ يوپۇرماق سېپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 5.1 - 2 سانتىمېتىر، شالاڭ ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏