چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش لاچىندانە ھىندى بولسا ئۆسۈملۈك لاچىندانە (Elettaria Cardamomum Maton) نىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى بۇلۇپ،قۇۋۋەتلەش، ھەزىمنى ياخشىلاش، يەل تارقىتىش، كۆڭۈلنى خۇش قىلىش رولى بار .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :لاچىندانە ھىندى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :印度豆蔻

ئەرەبچە نامى :قاقۇلە سىغار

پارسچە نامى :ھىلبوۋا

ئىنگلىزچە :Indian Cardamon Fruit

ئوردۇچە نامى :ئىلا ئىچى خورد

تونۇش :ئۆسۈملۈك لاچىندانە (Elettaria Cardamomum Maton) نىڭ قۇرۇتۇلغان مېۋىسى

شەكلى :غوزا مېۋىسى يۇمىلاق، رەڭگى دەسلەپ كۆك، پىشقانسېرى سېرىققا مايىل بولىدۇ

تەمى :خۇش پۇراق، تەمى بىر ئاز ئاچچىق بولىدۇ

چىقىش ئورنى :سىرلانكا، ھىندونوزىيە، تايلاند، ۋېيتنام، ھىندىستان، قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

ۋاقتى :كۈز ۋە قىش

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چۈشەندۈرۈشى 

لاچىندانە ھىندىلاچىندانە ھىندى بولسا  زەنجىۋىل ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك غوزا مېۋىسى يۇمىلاق، رەڭگى دەسلەپ كۆك، پىشقانسېرى سېرىققا مايىل بولىدۇ.  خۇش پۇراق، تەمى بىر ئاز ئاچچىق بولىدۇ.كۈز ۋە قىش پەسىللىرىدە پىشىشقا يېقىنلاشقان، ئەمما تولۇق پىشمىغان مېۋىسى ئۈزۈۋېلىنىپ يىغۋىلىنىدۇ(تولۇق پىشقاندا قۇرۇغاندىنكېيىن ئاسان يېرىلىپ، ئۇرۇقى تۆكۈلۈپ دورىلىق ئۈنۈمى تۆۋەنلەيدۇ) . سىرلانكا، ھىندونوزىيە، تايلاند، ۋېيتنام، ھىندىستان، قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏