چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
جىگدە ئائىلىسى، جىگدىسى ئۇرۇقدىشى، يوپۇرماق تاشلايدىغان ياغاچ غوللۇق كىچىك دەرەخ بولۇپ، ئېگىزلىكى 5 مېتىردىن 10 مېتىرغىچە.
ئۇيغۇرچە نامى :جىگدە
خەنزۇچە ئاتىلىشى :沙枣
تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
ئائىلىسى :جىگدە ئائىلىسى
ئۇرۇقداشلىرى :جىگدە ئۇرۇقدېشى
لاتىنچە نامى :Elaeagnus angustifolia Linn.
كەنجى سىنىپى :ئىپتىدائىي گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى
ئەترىتى :مىرتا ئەترىتى
جىگدەئاپتونۇم رايۇنىمىزدا جىگدە تۇرلىرى كۆپ ئەمەس . ئاساسلىق يېمىش جىگدە ، تار يوپۇرماقلىق جىگدە ،سوقىچاق جىگدە ، خوتەن جىگدىسى ، ئاق جىگدە ، شەربەت جىگدە ، قۇرۇق جىگدە ، ئاخۇن جىگدىسى ، قىزىل شاخلىق جىگدە ، قاغا جىگدە ، ئاققۇ شاخ جىگدە ، ئۇششاق جىگدە ، تەسۋى جىگدە ، دۈگىلەك جىگدە قاتارلىق ئون نەچچە خىلى بار ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يېمىش جىگدە ، تار يوپۇرماقلىق جىگدە ، قاغا جىگدە قاتارلىقلار كۆپىرەك تارقالغان .
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى