مەرۋايىت(خام دورا) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مەرۋايىت بولسا مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،بەدەننى قۇۋۋەتلەش، نېرۋىنى قۇۋۋەتلەش، قان توختىتىش، تۇتۇش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش، قاننى تازىلاش خۇسۇسىيىتى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مەرۋايىت

خەنزۇچە ئاتىلىشى :珍珠

ئەرەبچە نامى :لوئلۇ

پارسچە نامى :مەرۋارىد

ئىنگلىزچە :pearl

ئوردۇچە نامى :موتى

تونۇش :مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا قۇرۇق سوغۇقمەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،

چۈشەندۈرۈشى 

مەرۋايىت بولسا ھايۋان مەنبەلىك دورابۇلۇپ،مەرۋايىت سەدەپنىڭ ئىچىدىن چىقىدۇ،بۇنىڭ بەزىسى چوڭ، بەزىسى كىچىك بولۇپ، كىچىكى كۆكنار ئۇرۇقىدىنمۇ ئۇششاقراق، چوڭى قۇشقاچ تۇخۇمۇدىنمۇ چوڭراق، بەزىسى كەپتەر تۇخۇمىدەك بولىدۇ، لېكىن بۇ خىلدىكىسى بەك ئاز ئۇچرايدۇ، بەزىسى 12 گرام چوڭلۇقىدا بولىدۇ. تەبىئىي مەرۋايىتبى يىل بويى يىغىۋالغىلى بولىدۇ، 12-ئاي مەزگىلى ئەڭ ياخشى مەزگىل، دېڭىز ئىچىدىن سۈزۈۋېلىنغان قۇلۇلىلەرنى تۇتقاندىن كېيىن يېرىپ مەرۋايىت ئېلىنىدۇ. ئاندىن مەرۋايىت بىلەن سەدەپ ئايرىم پىششىقلاپ ئىشلىنىدۇ، مەرۋايىتنى ئىشقارلىق سۇ بىلەن يۇيۇپ لايلىرىنى چىقىرىپ پاكىز سۇ بىلەن چايقىلىدۇ. رەخت بىلەن ئوراپ دۇفۇ ياكى پۇرچاق سۈتى بىلەن ەخمىنەن ئىككى سائەت قاينىتىپ سۈزۈپ ئېلىپ يۇيۇلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ جەنۇبىي دېڭىز بويلىرىدىن، بەھرەيىن، ئومان قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىنمۇ چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏