چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قىزىل شەمشاد، يەنە بىر ئىسمى دېڭىز قىرغىقى قىزىل شەمشادى، دائىم كۆكىرىپ تۇرىدىغان قىزىل شەمشاد، شىمالىي ئامېرىكا قىزىل شەمشادى، كالىفورنىيە قىزىل شەمشادى دىگەن ناملىرىمۇ بار. قىزىل شەمشاد ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى ۋە ئورېگون شىتاتى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 1000 مېتىردىن تۆۋەن، جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى 800 كىلومېتىر كېلىدىغان تار بەلباغ رايونلىرىغا تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قىزىل شەمشاد

خەنزۇچە ئاتىلىشى :红杉

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يالىڭاچ ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قارىغاي - ئارچا سىنىپى

ئائىلىسى :قارىغاي ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :بال قارىغاي ئۇرۇقدېشى

تۈرى :قىزىل شەمشاد

باشقا نامى :海岸红杉、常青红杉、北美红杉

ئەترىتى :قارىغاي - ئارچا ئەترىتى

مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى 

4پارچەقىزىل شەمشاديوپۇرماق تاشلايدىغان غوللۇق دەرەخ، ئېگىزلىكى 50 مېتىرغا يېتىدۇ. كىچىك شاخلىرى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، دەرەخ قوۋزىقى كۈل رەڭ ياكى كۈل رەڭ قوڭۇر رەڭدە بولۇپ، ئۇزۇنىسىغا يېرىلغان قوپال؛ شاخلىرى تەكشى، دەرەخ باراقسىنى كونۇس شەكىللىك؛ كىچىك شاخلىرى تۆۋەنگە ساڭگىلاپ تۇرىدۇ، يۇمران شاخ تۈكچىلىرى بار، كېيىن ئاستا - ئاستا چۈشۈپ كېتىدۇ، بىر يىلدا ئۆسۈش شاخلىرى قىزىل قوڭۇر رەڭدە ياكى سۇس قىزغۇچ قوڭۇر، ناھايىتى سۇس سارغۇچ قوڭۇر رەڭدە، دىئامېتىرى 1.5 - 3 مىللىمېتىر كېلىدۇ، پارقىراق، ئادەتتە تۈكى يوق، شالاڭ يوپۇرماق ياستۇقى ئوتتۇرىسىدىكى ئېرىقچە بولۇپ قىسقا تۈكچىلىرى بار، ئىككى يىللىق شاخلىرى قىزىل قوڭۇر رەڭ ياكى سۆسۈن قوڭۇر رەڭدە، قېرى شېخى بىلەن قىسقا شېخى كۈل رەڭ قارا رەڭلىك بولىدۇ؛ قىسقا شاخلىرىنىڭ دىئامېتىرى 3-4 مىللىمېتىر، چوققا يوپۇرمىقىنى قويۇق سارغۇچ قوڭۇر رەڭلىك تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏