چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
كاۋاۋىچىن يەل ھەيدەش، يەل تارقىتىش، قورۇش، تۇتۇش، چىڭىتىش، ئاغرىق پەسەيتىش ھەزىمنى ياخشىلاش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئۇيغۇرچە نامى :كاۋاۋىچىن
خەنزۇچە ئاتىلىشى :Hua jiao 花椒
ئەرەبچە نامى :فاغىيرە
پارسچە نامى :كىباب چينى
ئىنگلىزچە :peppertree prickly ashpeel
ئوردۇچە نامى :كىباب چينى
تەمى :تەمى ئاچچىق، پۇرىقى كۈچلۈك
تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسىق
قۇرۇتۇلمىغان شاختىكى كاۋاۋىچىنكاۋاچىچىن ئۆسۈملۈكىنىڭ مېۋىسىنىڭ پوستى، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ مېۋىسى «كابابە خەندان» «كاۋاۋى چىنى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.
سوزاپ ئائىلىسىدىكى كىچىك ياغاچ غۇللۇق كاۋاچىچىن ئۆسۈملۈك
ئېلىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەم ھىندىستان، ياۋرۇپا قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ.
مېۋىسىنىڭ كۆپىنچىسى يەككە ئۆسكەن بولۇپ، تېشى بىنەپشە رەڭدە، كۆپ ساندا تارقاق سۆگەلسىمان كۆتۈرلۈپ چىققان ماي نۇقتىلىرى بار.
مېۋىسىنىڭ پوستى
كەبابى خەنداننىڭ تەركىبىدە %1~%9 ئۇچۇچان ماي بار. مېيىنىڭ ئاساسى تەركىبى لىمۇننىن (Limonene) كونىكالىكوھول
(cunicalcohoc) گىرانىئول(Graniol) دىن ئىبارەت.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى