قارىئۆرۈك(ئۆسۈملۈك ) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قارىئۆرۈك ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ قەشقەر ، يەكەن قاتارلىق جايلاردا كۆپىرەك ئۆستۈرۈلىدۇ ، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە پىشىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قارىئۆرۈك

خەنزۇچە ئاتىلىشى :乌梅

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئازغان تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئازغان ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :ئۆرۈك ئۇرۇقدىشى

تۈرى :قارىئۆرۈك

باشقا نامى :梅实、黑梅、熏梅、桔梅肉

سىرتقى شەكىلى

8پارچەقارىئۆرۈكقارىئۆرۈك ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ  قەشقەر ، يەكەن قاتارلىق جايلاردا كۆپىرەك ئۆستۈرۈلىدىغان بولۇپ ، ئاسان زەخمىلىنىدۇ ، ئۇزۇن ساقلىغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا ئۇ گۇلە قىلىپ قۇرۇتۇپ ئىشلىتىلىدۇ. قارىئۆرۈك شاپتۇل ، ياۋا بادام ، ئالۇچا ، جىنەستە ، ئەينۇلا ، گىلاس قاتارلىق مېۋىلىك دەرەخلەرگە ئۇلاش ئارقىلىق كۆپەيتىلىدۇ ، 8-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدىن 9-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە پىشىدۇ .  

مېۋە شەكلى ۋە تەمى 

تولۇق پىشقاندا قارامتۇل رەڭگە كىرىدۇ ، سۇلۇق ، تەمى چۈچۈمەل ، دانىسى چوڭ بولىدۇ . قارىئۆرۈكنىڭ پوستى نېپىز ، سۇلۇق .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏