چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مۇقەل بولسا بۇ زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى كىچىكرەك دەرەخ مۇقەل (EngextockHook mukul) نىڭ سوزۇلۇشچان يېلىمى بولۇپ، ماددىلارنى تارقىتىش، يۇمشىتىش، زەھەر قايتۇرۇش، پەي ۋە نېرۋىلارنى قۇۋۋەتلەش، بەلغەم بوشىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مۇقەل

خەنزۇچە ئاتىلىشى :穆库没药

ئىنگلىزچە :Cummi mukul

جىسمى :چاپلاشقاق، يۇمشاق، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق

تەمى :ئاچچىق

تەبىئىتى :ئۈچىنچى دەرىجىدە ئىسسىق

چۈشەندۈرۈشى

مۇقەلمۇقەل بولسا زەيتۇن دەرىخى ئائىلىسىدىكى كىچىكرەك دەرەخ مۇقەل (EngextockHook mukul) نىڭ سوزۇلۇشچان يېلىمى بولۇپ، بۇ بىر قانچە خىل بولىدۇ، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، تەمى ئاچچىق بولغىنى «مۇقەل ئەرەق»، رەڭگى سېرىققا مايىل بويىل سىلىق بولغىنى «مەقالىي» دېيىلىدۇ. ساپ، پارقىرايدىغان، چاپلاشقاق، يۇمشاق، رەڭگى قىزغۇچ سېرىق، تەمى ئاچچىق، خۇش پۇراقلىق بولغىنى ياخشىدۇر. ئەگەر بۇ خىل مۇقەلنى ئوتقا سالسا، مازنىڭ پۇرىقى كېلىدۇ. سۇدا تېز ئېرىيدۇ. قانچە كونىرىغانسېرى شۇنچە ئاچچىقلىشىپ بارىدۇ.ئىتالىيە، يەمەن، ئوممان دېڭىز بويلىرى ۋە ھىندىستاندىن چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏