چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش بىز ئالەم ئايروپىلانى ياكى سۈنئىي ھەمراھ ئۈستىدە تۇرۇپ يەرشارىغا قارىساق، كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغان يەر شارىنىڭ سۇس كۆك رەڭلىك چىرايلىق تونى دەل ئاتموسفېرا قاتلىمىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئاتموسفېرا

خەنزۇچە ئاتىلىشى :大气层

ئىنگىلىزچە ئاتىلىشى :atmosphere

قېلىنلىقى :1000 كىلومېتىدىن ئارتۇق

تۈرى :يەرشارى تۈزۈلمىسى

تەركىبى :ئازوت، ئوكسېگىن، ئارگون

چۈشەنچە

2پارچەئاتموسفېرا قاتلىمى

بىز ياشاۋاتقان يەرشارىنى بىر چوڭ ئاتموسفېرا قاتلىمى ئوراپ تۇرىدۇ. ئەگەر بىز ئالەم ئايروپىلانى ياكى سۈنئىي ھەمراھ ئۈستىدە تۇرۇپ يەرشارىغا قارىساق، كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولغان يەر شارىنىڭ سۇس كۆك رەڭلىك چىرايلىق تونى دەل ئاتموسفېرا قاتلىمىدۇر. بىز ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپ دەل بۇ ئاتموسفېرا قاتلىمىنىڭ ئاستىدا ياشاپ كېلىۋاتىمىز. ئەگەر ئاتموسفېرا قاتلىمى بولمىغان بولسا، يەرشارىدا بىز ئىنسانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھېچقانداق ھاياتلىق بولمىغان بولاتتى. ئاتموسفېرا قاتلىمى ئېگىزلىكى 1000 كىلومېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، يۇقۇرى ھاۋا بوشلىقىغا ئۆرلىگەنسىرى ھاۋانىڭ زىچلىقى تۆۋەنلەپ ماڭىدۇ.

ئاتموسفېرا قاتلىمى ئېگىزلىكىنىڭ ئوخشىماسلىقىغا قاراپ، ھەرخىل قەۋەتلەرگە بۆلۈنىدۇ، ھەرقايسى قەۋەتلەرنىڭ رولىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.

(بىراق قەۋەتلەر ئايرىمىسىدا ئېنىق چىگرا سىزىقى بولمايدۇ)

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏