چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئۇد ھىندى بولسا ھىندىستان ئۇد دەرىخىنىڭ قارا جىگەر رەڭلىك، مايلىق، رىزېنىلىق ئۈزەك ياغىچى بۇلۇپ،بەلـغـەم بوشىتىـش، نەپەسنـى راۋانلاشتـۇرۇش، چىرىـشـكە قارشـى تۇرۇـش، يەل تارقىتىش خۇسۇسىيىتى بار.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئۇد ھىندى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :沉香

ئەرەبچە نامى :ھىندى ياغىچى

پارسچە نامى :ئۇد غەرقىي

ئىنگلىزچە :wood of chinese eaglewood

ئوردۇچە نامى :ئۇد ھىندى، ئەگىـر ھـىنـدى

تونۇش :ھىندىستان ئۇد دەرىخىنىڭ قارا جىگەر رەڭلىك، مايلىق، رىزېنىلىق ئۈزەك ياغىچى

جىسمى :پۇرىقى ئۆتكۈر، خۇش پۇراق كېلىدۇ

تەبىئىتى :ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق، ئىككىنچى دەرىجىنىڭ ئاخىرىدا ئىسسىق

چۈشەندۈرۈشى 

ئۇد ھىندىئۇد ھىندى بولسا مازارىيۇن ئائىلىسىدىكى دائىم ياشىرىپ تۇرىدىغان چوڭ دەرەخ ھىندىستان ئۇد دەرىخىنىڭ قارا جىگەر رەڭلىك، مايلىق، رىزېنىلىق ئۈزەك ياغىچى بۇلۇپ،  پۇرىقى ئۆتكۈر، خۇش پۇراق كېلىدۇ،  دېئامىتىرى 30 سانتىمىتىردىن ئاشىدىغان دەرەخنى تاللاپ، ئۆتكۈر پالتا بىلەن 3-4 سانتىمىتىر قېلىنلىقتا تىلىپ، نەچچە يىلدىن كېيىن يىلىم ئاجرىلىپ چىققاندا يىغىۋېلىنىدۇ. ئېلىمىزنىڭ گۇاڭدۇڭ، گۇاڭشى، تەيۋەن قاتارلىق جايلىرىدىن، ھەم ھىندىستان، ھىندىنوزىيە، ۋېيتنام، مالايسىيا، كامبودژا قاتارلىق ئەللەردىن چىقىدۇ.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏