چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كەندىر ئۇرۇقى كۆڭۈلنى خۇش قىلىش، باھنى قۇۋۋەتلەش، مەنىي تۇتۇش، ئۇيقۇ كەلتۈرۈش، خۇشال قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :كەندىر ئۇرۇقى

ئەرەبچە نامى :بەزورۇل قنەب (ئە)

پارسچە نامى :سوپۇپى بەزورۇلبەنجى(پ)

ئىنگلىزچە :Hemp Fruit

ئوردۇچە نامى :شاھدانە ، بەڭگى كىبىج (ئو)

تەمى :تەمى سۇس

چىقىش ئورنى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ۋاقتى :10-11-ئايلاردا

تەبىئىتى :ئىككىنچى دەرىجىدە قۇرۇق سوغۇق

تونۇش

كەندىر ئۇرۇقىبۇ كەندىر ئائىلىسىدىكى ئېگىزلىكى 1~3 مېتىر ئۆسىدىغان، 

بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك كەندىرنىڭ ئۇرۇقى بولۇپ، ئۇرۇق پوستى توق يېشىل رەڭلىك، تەمى سۇس، پۇرىقى ئاز، چاينىسا تىلىنى قورۇيدۇ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ ئۇرۇقى « بەڭ » ياكى بەزۇرۇلقەنەب نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.

ئۆستۈرۈش

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەممە يەرلىرىدە تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ.

ۋەكىل خاراكتېرلىك پىششىق دورا ياسالمىسى

مەجۇنى قىنەب.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏