چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش قەغەز بادام ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاساسەن قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كونا شەھەر ، يىڭىشەھەر ، قاغىلىق ، پوسكام ، يەكەن ، يىڭسار ناھىيىلىرىدىن ، شۇنىڭدەك خوتەن، ئاقسۇ قاتارلىق جايلاردىن چىقىدۇ .

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :قەغەز بادام

خەنزۇچە ئاتىلىشى :薄壳巴旦

سىرتىقى شەكلى 

قەغەز بادامقەغەز بادام تۈرىنىڭ چىچەكلەش مەزگىلى بالدۇر ، چېچىكىنىڭ رەڭگى ئاق ، ئاتىلىق ئانىلىقلىرى تەڭ ئۇزۇنلۇقتا ئۆسىدۇ . مېۋىسى بالدۇر پىشىپ يىتىلىدۇ شاكلى نېپىز ۋە ئارا نېپىز دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ ، ئۇرۇقچە گىرۋەكلىرى ئاسان ئاجرايدۇ ، ئادەتتە چىش ياكى قول بىلەن ئازراق بېسىپلا چېقىپ يىيىشكە بولىدۇ ، ئۇرۇقچە شاكىلىنىڭ ئەڭ نېپىز بولغانلىرى 0.06 - 0.1 سانتىمېتىر ، ئارا نېپىز شاكاللىرىنى بولسا 0.11 - 0.15 سانتىمېتىر ، مېغىزى ئالاھىدە تاتلىق . مېغىز چىقىش نىسبىتى ھەرقاسى سورتلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ . 

ئادەتتە شاكىلى ئەڭ نېپىز بولغانلىرىدىن % 77 كىچە ، ئارا شاكاللىق سورتلىرىدىن %58 - 37 كىچە مېغىز ئېلىشقا بولىدۇ ، مەھسۇلاتى ئوتتۇراھال ، يىراققا يۆتكەشكە ۋە ئۇزاق ساقلاشقا چىدامسىز.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏