چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش پىستە ( Pistacia vera L ) سىر دەرىخى ئائىلىسى ( Anacardiaceae ) پىستە ئۇرۇقدىشى ( Pistacia ) غا تەۋە مېۋىلىك دەرەخ. پىستە دۇنيادا تۈركىيە ، ئافغانىستان ، سۈرىيە ، ئىلاق ، ئىران ، روسىيە فىدراتسىيەسىنىڭ غەربىي جەنۇبى، جەنۇبىي ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەرگە ۋە شىنجاڭ ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ قەشقەر ، پەيزىۋات ، يەكەن قاتارلىق جايلارغا تارقالغان.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :阿月浑子

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :جۈپ پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ساپىندۇس دەرىخى تۈركۈمى

ئائىلىسى :سىر دەرىخى ئائىلىسى

ئۇرۇقداشلىرى :پىستە ئۇرۇقدىشى

تۈرى :پىستە

كەنجى سىنىپى :دەسلەپكى گۈل يېپىنچىسى كەنجى سىنىپى

كەنجى تۈركۈمى :سىر دەرىخى كەنجى تۈركۈمى

لاتىنچە نامى :Pistacia vera L.

باشقا نامى :胡榛子、无名子、开心果

سىرتقى شەكىلى

دەرىخى

پىستەپىستە دەرىخى كىچىك بولۇپ ئېگىزلىكى 5 ~ 7 مېتىر كېلىدۇ ؛ كىچىك شاخلىرىمۇ توم كۈل رەڭلىك، كىچىك قوۋزاق تۆشۈكى بولىدۇ. كىچىك شاخلىرى ئىنچىكە تۈكلۈك كېلىدۇ. ئۇزۇن بولغاندا 200 - 300 يىل ئۆمۈر كۆرىدۇ.

يۇپۇرمىقى 

پىستەيۇپۇرمىقى تاق سانلىق پەيسىمان نۆۋەتلەشكەن مۇرەككەپ يوپۇرماقلىق بولىدۇ؛ يوپۇرماق سېپى ئۈستى تۈز ، يۇپۇرماق ئۇزۇنلۇقى 4-10سانتىمېتىر، كەڭلىكى 5-6.5 سانتىمېتىر، ئۇچىدا ئۆسكەن كىچىك يوپۇرماقلىرى چوڭراق، ئالدى ئۇچى دىقماق ياكى ئۇچلۇق، يۇمىلاق ياكى كەسمە شەكىللىك كېلىدۇ، ياندىن ئۆسكەن كىچىك يوپۇرمىقى تۈۋىدىن سىممېترىك، تولۇق گىرۋەكلىك، بەزىدە ئازراق ئېگىز پۈرمە دولقۇن ، يوپۇرماق تۈكسىز، ئازراق پارقىراق، يوپۇرماق ئارقىسىنى شالاڭ ئۇششاق تۈكچىلەر قاپلاپ تۇرىدۇ؛ يۇپۇرماقلىرىنىڭ سېپى قىسقا ياكى سېپى يوق. 

چېچىكى 

پىستەكونۇسسىمان گۈل رېتى ئۇزۇنلىقى 4-10 سانتىمېتىر ، گۈل رېتى ئوقى ۋە تارماق شاخلىرى تۈكلۈك ، يوللۇق ، ئاتىلىق گۈل رېتى كەڭ ھەم چوڭ ، گۈلى زىچ ؛ ئاتىلىق گۈل يېپىنچا ياپراقچىسى ئۇزۇنچاق ياكى دۇگلەك شەكىللىك ، چوڭ − كىچىكلىكى ئوخشاش ئەمەس، ئۇزۇن 2 - 2.5 مىللىمىتىر ، پەردىسىمان نېپىز پوستلۇق؛ ئانىلىق گۈلىنىڭ گۈل يېپىنچا ياپراقچىس ئۇزۇنچاق دۇگلەك شەكىللىك , ئۇزۇنلۇقى  2-3 مىللىمېتىر ، پەردىسىمان نېپىز پوستلۇق، گۈل چېڭى تۇخۇم شەكىللىك ، ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 1 مىللىمىتىر , ئانىلىق بوينى ئۇزۇنلىغى تەخمىنەن 0.5 مىللىمېتىر . 

مېۋىسى 

پىستەمېۋە بىر قەدەر چوڭ ، ئۇزۇنچاق دۇگلەك شەكىللىك، ئۇزۇنلىقى تەخمىنەن 2 سانتىمىتىر ، كەڭلىكى تەخمىنەن 1 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئالدى ئۇچى ئۇچلۇق، ئۇچى ئىنىچكە، پىشقاندا ساغۇچ يېشىل رەڭدىن رەڭگى ھال رەڭ بولىدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏