چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئاق سايۋا ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ، تۇرپاندىكى ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

ئاق سايۋا ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۆستۈرۈلىدۇ ، تۇرپاندىكى ئۆستۈرۈلۈش كۆلىمى ئەڭ چوڭ . سۇ ۋە ئوغۇتقا بولغان تەلىپى يۇقىرى ، سوغۇققا ۋە قۇرغاقچىلىققا قارشى تۇرۇشچانلىقى تۆۋەن ، تىكىپ 3 - 4 يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ . مۇۋاپىق كېڭەيتسە بولىدۇ . ساقلاشقا ۋە توشۇشقا ئانچە چىداملىق ئەمەس .

ئالاھىدىلىكى 

بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ ئېغىرلىقى 600 گرام ، چوڭراقلىرى 1250 گرام كېلىدۇ ، ساپاق ئۇزۇنلۇقى 21.9 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 13.6 سانتىمېتىر ، مېۋە شاپىقى ناھايىتى چۈرۈك بولۇپ ، ئاسان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ . ھەر بىر ئۈزۈم دانىسى ئىچىدە 2 - 3 تال ئۇرۇق بولىدۇ . مېۋە دانىسى شالاڭ ۋە تەكشى ، چوڭ ، ئوتتۇرىچە دانىسى ئىچىدە 2 - 3 تال ئۇرۇق بولىدۇ . مېۋە دانىسى شالاڭ ۋە تەكشى ، چوڭ ،ئوتتۇرىچە ئېغىرلىق 6 -9 گرام كېلىدۇ . دانىسى ئۇزۇن ئىللىپىس شەكىللىك ياكى يۇمىلاق سىلىندىرسىمان ، بىر قىسمى ئىگىلگەن ھالەتتە بولىدۇ . مېۋە پوستى نېپىز ، ئېتىدىن ئاسان ئايرىلىدۇ ؛ ئېتى يۇمشاق ، شىرنىلىك ، تاتلىق ، قەنت مىقدارى % 22 - 15 ، سۈپىتى ياخشى . بۇ سورت 8 - ئاينىڭ ئاخىرى ، 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا ئوبدان پىشىدۇ . تۇرپاندا 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى چىكىلىدۇ . بۇ سورتنىڭ ئۆسۈشى كۈچلۈك ، بىخلىنىش نىسبىتى %50 ، مېۋە شاخ نىسبىتى % 34 - 29 ، يوپۇرماقلىرى قېلىن ، شامال ئۆتكۈزىشى ناچار، شۇڭا يازلىق پۇتاشنى كۈچەيتىش كېرەك . 



يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏