چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كاتتا قورغان ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاساسەن ئىلى رايۇنىدا ئاز كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ ، كۈيتۇن شىخەنزە رايۇنلىرىدىمۇ بار .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

كاتتا قورغان ئۈزۈم ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاساسەن ئىلى رايۇنىدا ئاز كۆلەمدە ئۆستۈرۈلىدۇ ، كۈيتۇن شىخەنزە رايۇنلىرىدىمۇ بار . تۈپىنىڭ ئۆسۈشى ئوتتۇرۇراھال ، كېسەللىككە قارشى تۇرۇشچانلىقى ئاجىز ، ئىلى رايۇنىدا 9 - ئاينىڭ ئوتتۇرلىرى پىشىدۇ . بۇ سورت قۇرغاق رايۇنلاردا ئۆستۈرۈشكە قولايلىق .

سىرتىقى شەكلى 

كاتتا قورغان ئۈزۈم  سورتنىڭ يېڭى نوتىلىرى يېتىلگەندە سېرىق رەڭگە ئۆزگىرىدۇ ، يوپۇرمىقى چوڭ ، بەش تېيىز يېرىقچىسى بار ، يوپۇرماق ئۇچ قىسمىدىكى يېرىقچىلار بىرىكىپ كەتكەن ، گىرۋىكى ھەرە چىشسىمان . مېۋە ساپىقى كۇنۇس شەكىللىك ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 500 گرام ، ئۇزۇنلۇقى 16.5 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 15.2 سانتىمېتىر ، مېۋە زىچلىقى ئوتتۇراھال ، يەككە مېۋە دانىسى يۇمىلاق ياكى ئېللىپىسسىمان ، دىئامېتىرى 25.7 * 28.2 مىللىمېتىر ، ئوتتۇرىچە دانە ئېغىرلىقى 10.6 گرام ، ئەڭ چوڭى 16 گرام كېلىدۇ . مېۋە يۈزى سېرىق يېشىل ، مېۋە شۆپىكى قېلىن ۋە چۈرۈك ، ئېتى يېشىل ، چۈرۈك ، شېرنىلىك ، تەمى تاتلىقراق ، سۈپىتى ئوتتۇراھالدىن يۇقىرى ، ھەر بىر دانە ئۈزۈمدە 1 - 3 تال ئۇرۇقچىسى بار . 



يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏