چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مۇناقى ئۈزۈم ئادەتتە كۆك مۇناقى، قىزىل مۇناقى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەممە يىرىدە ئۆستۈرۈلىدۇ. جەنۇبىي شىنجاڭدا 9-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن تارتىپ 10-ئاينىڭ باشلىرىغىچە پىشىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :مۇناقى ئۈزۈم

خەنزۇچە ئاتىلىشى :木纳格葡萄

ئىنگلىزچە نامى :مۇناقى

تارقالغان رايونلار :ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ

تۈرى ۋە ئالاھىدىلىكى 

مۇناقى ئۈزۈم ئادەتتە كۆك مۇناقى ، قىزىل مۇناقى دەپ ئىككى خىل بولىدۇ .

كۆك مۇناقى ئۈزۈم

كۆك مۇناقى ئۈزۈمكۆك مۇناقى ئۈزۈمنىڭ يۇمىران يوپۇرمىقى يېشىل ، يىتىلگەن يوپۇرماقلىرى يېشىل ، قوڭۇر ، قىزىل رەڭلەردە ، تۈكسىز ، يوپۇرماق گىرۋىكى ئوتتۇراھال يىرىلغان ، بەش تال يىرىقچىسى بار . گۈلى قوش جىنىسلىق گۇل ، مېۋە ساپىقى كونۇس شەكلىدە ، ئۇزۇنلۇقى 25.4 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 12.5 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 560 گرام ، چوڭراقلىرى 1020 گرام ، مېۋە دانىسى تەكشى ، شالاڭ تارقالغان ، مېۋە يۈزى سېرىق يېشىل ، پوستى قېلىن ، ئېتى يۇمشاق ، چۈرۈك شىرنىلىك ، سۇس سېرىق ، پۇراقسىز ، تەمى چۈچۈمەل ، قەنت مىقدارى %18 -17 ، سۈپىتى ئوتتۇراھال ، ھەربىر دانە ئۈزۈمدە تۆت تال ئۇرۇق بولىدۇ . 

قىزىل مۇناقى ئۈزۈم

قىزىل مۇناقى ئۈزۈمقىزىل مۇناقى ئۈزۈمنىڭ يۇمران يوپۇرمىقى سېرىق يېشىل ، يېتىلگەن يوپۇرمىقى يېشىل ، بىنەپشە ، قىزىل رەڭلەردە بولىدۇ . تۈكسىز پارقىراق ، بىر يىللىق پىشقان شاخلىرى قىزىل قوڭۇر رەڭدە ، يوپۇرمىقى چوڭ ، يۇمىلاق ، قېلىنراق ، يوپۇرماق گىرۋىكى كۆك مۇناقى بىلەن ئوخشاش . گۇلى قوش جىنىسلىق گۇل . 

بىر ساپاق ئۈزۈمنىڭ شەكلى سېلىندىرسىمان ، چوڭ ، ئۇزۇنلۇقى 23.2 سانتىمېتىر ، كەڭلىكى 12.5 سانتىمېتىر ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 540 -778 گرام ، ئەڭ چوڭلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 1350 گرام كىلىدۇ . مېۋە دانىسى شالاڭ ، تەكشى تارقالغان ، دانىسى ئۇزۇن، ئېللىپىسسىمان ، يەككە ئېغىرلىقى 8 گرام ، چوڭلىرىنىڭ 11.5 گرام كېلىدۇ ، پوستى رەڭگى سېرىق يېشىل ، قىزىل ، پوستى قېلىن ، ئېتى چۈرۈك ، شېرنىسى كۆپ ، پۇراقسىز ، تەمى چۈچۈمەل ، قەنت مىقدارى % 16.4 ، كىسلاتا مىقدارى % 0.43 ، سۈپىتى ئوتتۇراھال ، ھەر بىر دانە ئۈزۈمدە ئىككى تال ئۇرۇق بولىدۇ .

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏