چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش «بارفى» بولسا ئانۇراگ باسۇ (AnuragBasu) رېژىسسورلۇق قىلغان ، رانبىر كاپور ، ئىلىنا دىكرۇز ۋە پىرىيانكا چوپرا ھەمكارلىشپ ئىشلىگەن كومىدىيىلىك فىلىم . ھېكايە 1970-يىللاردىكى ھىندىستاندا يۈز بېرىدۇ ، بارفى بىلەن شۇرۇتى ئاشىق -مەشۇقلاردۇر ، لېكىن بارفى سۆزلىيەلمەيدۇ ھەم ئاڭلىيالمايدۇ ، شۇڭا شۇرۇتى باشقا بىرسىگە ياتلىق بولىدۇ ، لېكىن كۆپ يىلدىن كېيىن ئۇلار يەنە ئۇچرىشىدۇ ، بۇ چاغدا بارفىنىڭ يېنىدا جىلمىل پەيدا بولغان بولىدۇ ...

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :بارفى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :巴菲的奇妙命运

باش رولچى :رانبىر كاپور ، ئىلىنا دىكرۇز ۋە پرىيانكا چوپرا

تۈرى :كومىدىيىلىك فىلىم

باشقا نامى :بارفىنىڭ ئاجايىپ ھاياتى\قىززىقچى بارفى\يۇمىرىستىك بارفى

ئۇزۇنلىقى :151مىنۇت

ئىشلەنگەن ۋاقتى :2012-يىلى

قويۇلغان ۋاقتى :2012-09-14

imdbكودى :tt2082197

ئىشلەنگەن ئورۇن :ھىندىستان

دىئالوگ تىلى :ئىنگىلىزتىلى

رېژىسسور :ئانۇراگ باسۇ (AnuragBasu)

سېنارىست :ئانۇراگ باسۇ (AnuragBasu)

مەزمۇن چۈشەندۈرۈش

ھېكايە 1970-يىللاردىكى ھىندىستاندا يۈز بېرىدۇ ،بارفى سۆزلىيەلمەيدۇ ھەم ئاڭلىيالمايدۇ ، بارفى(رانبىر كاپور رولدا)شۇرۇتى(ئىلىنا دىكرۇز رولدا)نى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ . كېيىن ئۇلار ئاشىق-مەشۇقلاردىن بولۇپ قالىدۇ ، لېكىن شۇرۇتى ئاپىسىنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بىر «نورمال ئەر»گە ياتلىق بولۇشنى قارار قىلىدۇ . 

كۆپ يىلدىن كېيىن ئۇلار يەنە ئۇچرىشىدۇ ، بارفىنىڭ مۇھەببىتى جىلمىل (پرىيانكا چوپرا) دەل ساقچىلار ئىزدەۋاتقان قىز بولۇپ قالىدۇ .  بارفى ھەرياقتىن قىز دوستى جىلمىلنىڭ ئىز دېرىكىنى قىلماقچى بولىدۇ . بۇ چاغدا ئۇ شۇرۇتىغا ئۇچرايدۇ .  مۇھەببەت ھامان كىشىلەرنى قارغۇلارچە ئىش قىلىشقا زورلاپ قويىدۇ ، شۇرۇتى ئۆزىنىڭ يەنىلا بارفىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ .  شۇرۇتى زادى بارفىغا ياردەملىشىپ جىلمىلنى تېپىشى كېرەكمۇ ياكى بارفىغا كۆڭۈل ئىزھار قىلىپ مۇھەببىتىنى قايتۇرۇپ كېلىشى كېرەكمۇ؟ مۇھەببەتنىڭ قوغلاشماق ئويىنىدا ھېچكىم ھەقىقىي يەڭگەن ئەمەس ...

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏