چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش جاغدا ئەنجۈر ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسى ۋە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكىرەم يېزىسىدا ئۆستۈرۈلىدۇ .

قىسقىچە تۇنۇشتۇرۇش 

جاغدا ئەنجۈر ئاپتونۇم رايۇنىمىزنىڭ ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزىسى ۋە قەشقەر كونا شەھەر ناھىيەسىنىڭ بەشكىرەم يېزىسىدا ئۆستۈرۈلىدۇ. بىرىنچى قېتىملىق مېۋىسى 7 - ئاينىڭ ئاخىرلىرىدىن 8 - ئاينىڭ باشلىرىغىچە ، ئىككىنچى قېتىملىق مېۋىسى 9 - ئاينىڭ ئاخىرلىرى پىشىدۇ . دەرىخىنىڭ ئۆسۈشى ۋە شاخلىنىشى كۈچلۈك ، مەھسۇلاتى يۇقىرى .

مېۋە ئالاھىلىكى 

 مېۋە دانىسى ئوتتۇراھال ، مېۋە شەكلى ياپىلاق ، ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى 46.4 گرام ، چوڭلىرىنىڭ ئېغىرلىقى 55 گرام كېلىدۇ . مېۋە ساپىقى ئۇزۇن ، رەڭگى ئاق سېرىق ، مېۋە پوستى ناھايىتى نىپىز بولۇپ ، ئاسان سويغىلى بولىدۇ . ئېتى سۇس ئاق سېرىق ، ناھايىتى يۇمشاق ، شىرنىلىك ، تاتلىق ، سۈپىتى يۇقىرى.


يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏