چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
ئارپا بىر خىل ئاشلىق زىرائىتى ، شەكلى بۇغدايغا ئوخشاپ كىتىدۇ.ئارپا ئىلگىرى «ئېگىزلىكتىكى ئاشلىق» دەپ ئاتىلاتتى، بۇنداق ئاتىلىشى ئۇنىڭ ئەجدادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
ئۇيغۇرچە نامى :ئارپا
خەنزۇچە ئاتىلىشى :大麦
ئىنگلىزچە نامى :Barley
تارقالغان رايونلار :دۇنيادىكى كۆپ قىسىم رايونلاردا ئۆستۈرۈلىدۇ
تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى
تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى
سىنىپى :تاق پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى
تۈركۈمى :باشاقلىقلار تۈركۈمى
ئائىلىسى :باشاقلىقلار ئائىلىسى
ئۇرۇقداشلىرى :ئارپا ئۇرۇقدىشى
تۈرى :ئارپا
لاتىنچە نامى :Hordeum vulgare L.
باشقا نامى :麦子
ئىشلىتىلىشى :ئاشلىق زىرائىتى
ئارپائارپا ئۆستۈرۈشنىڭ بارلىققا كېلىش مەسىلىسى توغرىسىدا تارىختا100 يىلدىن ئارتۇق تالاش - تارتىش بولغان، 1974 - يىلىغا كەلگەندە ئېلىمىز ئالىملىرىنىڭ چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە تۈرلۈك ياۋا ئارپىلار توغرىسىدىكى يېڭى بايقىشى بىلەن ئىلمىي يەكۈن چىقىرىلدى. ھازىر ھەممە ئادەم ئارپا ئۆستۈرۈشنىڭ كىشىلەرنىڭ تاللىشى، تېرىپ ئۆستۈرۈشى ئارقىسىدا ياۋا ئىككى قىرلىق ئارپا − ياۋا شېشىسىمان ئارپا − ياۋا ئالتە قىرلىق ئارپادىن ھازىرقى ئارپىغىچە ئۇزاق مۇددەتلىك تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىنى بېسىپ ئۆتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.
ئېلىمىز دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر ئارپا ئۆستۈرگەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى. يىنشۈدىن قېزىۋېلىنغان چىغىناق - تاغاق يېزىقلىرى ئىچىدە «来» بىلەن «牟» خەتلىرىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. «来» خېتى بۇغداينى؛ «牟» خېتى ئارپىنى بىلدۈرىدۇ. بۈگۈنكى تىبەت تىلىدا ئارپىنى «来» دەپ ئاتايدۇ.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى