يالمانقۇلاق( يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈك) مەنە تۈرلىرى

چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك سارغۇچ يېشىل، سۆسۈن قارا رەڭلىك. تام تاش ئۈستىگە يامىشىپ ئۆسىدۇ. يىلتىزسىمان غولى دورا قىلىنىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يالمانقۇلاق

خەنزۇچە ئاتىلىشى :爬山虎

تەۋەلىكى :ئۆسۈملۈكلەر دۇنياسى

تىپى :يېپىق ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەر تىپى

سىنىپى :قوش پەللىلىك ئۆسۈملۈكلەر سىنىپى

تۈركۈمى :ئۈزۈم تۈركۈمى

ئائىلىسى :ئۈزۈم ئائىلىسى

لاتىنچە نامى :Parthenocissus tricuspidata

كەنجى سىنىپى :ئازغان كەنجى سىنىپى

مورفولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكى 

4پارچەيالمانقۇلاقيالمانقۇلاق ئۇرۇقدىشى كۆپ يىللىق يوپۇرماق تاشلايدىغان، چوڭ تىپتىكى ياغاچ تەركىبلىك پېلەكلىك ئۆسۈملۈكلەر، ئۇنىڭ شەكلى ياۋا ئۈزۈم پېلىكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ. پېلەك ئۇزۇنلۇقى 18 مېتىر. ياز پەسلىدە چېچەكلەيدۇ، گۈلى كىچىك غۇژمەك كۆرۈنمەيدۇ، سارغۇچ يېشىل ياكى سۆسۈن قارا، يوپۇرماقلىرى ئۇدۇل ئۆسىدۇ. گۈلى كۆپىنچە قوش جىنسلىق، ئانىلىق - ئاتىلىقى بىر تۈپتە، چەكلىك كۈنلۈكسىمان گۈل رېتى كۆپىنچە يوپۇرماق ئارىسىدىكى قىسقا شاخ ئۈستىدە ئۆسىدۇ، ئۇزۇنلىقى 4 ~ 8 سانتىمېتىر، يوپۇرماق سېپى بىر قەدەر قىسقا؛ گۈلى 5 تال؛ گۈل كاسىلىق، تولۇق گىرۋەكلىك بولىدۇ؛ گۈل بەرگىسى ئۇچىغا قايرىلغان، 2 ئۇرۇقدان بار، ھەر ئۇرۇقداندا 2 تۆرەلمە تۈگۈنى بار. 

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏