چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش گېئولوگىيە ئىلمى بولسا يەر شارىنىڭ ماددىي جەھەتتىن تەشكىللىنىشى، ئىچكى قۇرۇلۇشى، سىرتقى ئالاھىدىلىكى، ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىلىم سىستېمىسىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :گېئولوگىيە

خەنزۇچە نامى :地质学

ئىنگىلىزچە نامى :geology

تۈرى :پەن تۈرى

چۈشەنچە

گېئولوگىيەگېئولوگىيە ئىلمى بولسا يەر شارىنىڭ ماددىي جەھەتتىن تەشكىللىنىشى، ئىچكى قۇرۇلۇشى، سىرتقى ئالاھىدىلىكى، ھەر قايسى قاتلاملار ئارىسىدىكى ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلەر شۇنداقلا تارىخىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئىلىم سىستېمىسىدۇر. ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ يەر شارىغا كۆرسەتكەن تەسىرى بارا-بارا چوڭ بولماقتا. ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ئىنسانلارغا قارىتا چەكلىمىلىكى بارغانسېرى روشەنلەشمەكتە. قانداق قىلىپ يەر شارىدىكى بايلىقلاردىن ئەڭ كەڭ تۈردە پايدىلىنىش، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش، بۈگۈنكى كۈندىكى ئىنسانىيەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئورتاق تېمىغا ئايلىنىپ قالدى.

  يەر شارى، شەكىللەنگەندىن كېيىنكى تۆت مىليارد 600 مىليون يىللىق ئۆزگىرىش جەريانىدا نۇرغۇن مۇرەككەپ بولغان فىزىكىلىق، خىميىلىك  ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرۈش بىلەن بىللە، يەنە ئاستىرونومىيىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ھەر بىر قاتلىمى توختىماستىن ئۆزگىرىپ تۇرماقتا. تەخمىنەن ئۈچ مىليارد 500 مىليون يىللار ئىلگىرى، يەر شارىدا ھاياتلىق ئۇچقۇنلىرى بايقالغان بولۇپ، جانلىقلار گېئولوگىيىلىك تەسىرگە ئۇچراشقا باشلىغان. ئەڭ كېچىككەندىمۇ 2-3 مىليۇن يىللار ئىلگىرى، ئىنسانلار پەيدا بولغان. ئىنسانلار ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئەتراپىدىكى مۇھىتقا ماسلىشىپ ۋە ئۇنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشقان.  ئۇلار  قاتتىق تاشلاردىن پايدىلىنىپ قۇرال ياساپ، مېنىرال تاشلاردىن پولات، تۆمۈر قاتارلىق مېتاللارنى ئايرىپ ئېلىپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرگەن. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئىنسان پائالىيىتىنىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى كۈنسېرى زورايغان ۋە گېئولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ چەكلىمىچىلىك رولىمۇ بارغانسېرى كۈچەيگەنىدى.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏