چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش
ئوتۇنكوزا شەھىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي ئېتىكىگە، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي جەنۇبىي چېتىگە، سانجى شەھىرى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن تۇتىشىدۇ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەڭرىتاغ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئىقتىساد مەركىزى بەلبېغىغا جايلاشقان، شۇنداقلا ئۈرۈمچىدىن قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىغا بارىدىغان ئەڭ يېقىن يېشىل يول.شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر.
ئۇيغۇرچە نامى :ئوتۇنكوزا
خەنزۇچە ئاتىلىشى :五家渠
دۆلىتى :جۇڭگو
ئۆلكىسى :شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايۇنى
مەمۇرىي رايون شەكلى :ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، ئۆلكىگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر
تەۋە رايون :سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى
يەر مەيدانى :742 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر
نوپۇسى :90 مىڭ ( 2013 - يىلى )
كىلىماتى :مۆتىدىل بەلباغ چوڭ قۇرۇقلۇق ئىقلىمى
باشقا نامى :غەربىي يۇرت سۇ شەھىرى
ئىنگلىزچە نامى :Wujiaqu City
تېلېفون رايون نومۇرى :0994
پوچتا رايون نومۇرى :831300
ماشىنا كودى :يېڭى B
رايونلارغا ئايرىش كودى :659004
دىئالېكتى :ئۇيغۇر تىلى، ئەرەب تىلى
ھۆكۈمەت تۇرۇشلۇق جايى :خەلق يولى كوچا باشقارمىسى ئۇزۇن سەپەر يولى 1 - نومۇر
3پارچەئوتۇنكوزا شەھرى كېچە مەنزىرسىئوتۇنكوزا شەھىرى 2002- يىلى 9- ئاينىڭ 19- كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن تەسىس قىلىنغان، 2004- يىلى 1- ئاينىڭ 19- كۈنى رەسمىي ۋىۋىسكا ئېسىلغان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونغا بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى 6- شى شىتابى تۇرۇشلۇق جاي، شى بويىچە شەھەر ئىچى بىرلەشتۈرۈلگەن تۈزۈلمە بويىنچە باشقۇرۇلغان. كۆلىمى 420 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ.
ئوتۇنكوزا شەھىرىنىڭ شەھەر تەرەققىيات نىشانى : جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى يېشىل ئىقتىساد، مەدەنىيەت كەسپى شەھرى، ئۈرۈمچى شەھەر ئېكولوگىيەلىك شەھەر چەمبىرىكى باغۋارانلاشتۇرۇش، ئۈرۈمچى شەھىرىەىكى بىر ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش ئالاھىدىلىككە ئىگە زامانىۋى سۈنئىي ھەمراھ شەھەر، 6 - شى سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، پەن – تېخنىكا مەركىزى شەھرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش.
ئىسىم تاللاش قوللانمىسى