چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ھەرقايسى شتاتلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. كالىفورنىيە شتاتىدا 5 ياشتىن (يەسلى) 18 ياشقىچە (ئوتتۇرا مەكتەپ 12 يىللىق )، ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان 13 يىلنى مەجبۇرى مائارىپ ۋاقتى دەپ بەلگىلىگەن. بالىلارنىڭ قابىلىيىتى قاراپ يەسلىدە قايتا ئوقۇش ياكى سىنىپ ئاتلاشقا يول قويۇلىدۇ.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :ئامېرىكانىڭ مائارىپ سىستېمىسى

خەنزۇچە نامى :美国教育制度

چۈشەنچە

ئامېرىكىنىڭ مائارىپ سىستېمىسى ھەرقايسى شتاتلارغا قاراپ ئوخشىمايدۇ. كالىفورنىيە شتاتىدا 5 ياشتىن (يەسلى) 18 ياشقىچە (ئوتتۇرا مەكتەپ 12 يىللىق ئوقۇغۇچى)، ھەمدە ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگۈچە بولغان 13 يىلنى مەجبۇرى مائارىپ ۋاقتى دەپ بەلگىلىگەن. بالىلارنىڭ قابىلىيىتى قاراپ يەسلىدە قايتا ئوقۇش ياكى سىنىپ ئاتلاشقا يول قويۇلىدۇ.

ئامېرىكانىڭ مەكتەپكە كىرىش تۈزۈمىنى دۆلەت بىر تۇتاش بەلگىلىمەستىن، مەكتەپ تۇرغان رايونغا قاراپ بەلگىلىنىدۇ. بەزى باشلانغۇچ مەكتەپلەر 6 يىل، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ 3 يىل، ئوتتۇرا مەكتەپ 6 يىل بولىدۇ.

ئوقۇش يىلىنى بەلگىلەيدىغان ئۆلچەملىك كۈننى بالىنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە قاراپ بەلگىلەيدۇ. كالىفورنىيە شتاتىنىڭ ئۆلچەملىك كۈنى بولسا 12-ئاينىڭ 2-كۈنى دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مائارىپقا ئاجراتقان پۇلنىڭ ئازىيىشى بىلەن يەرلىك ئورۇنلارنىڭ بەلگىلىشى ئۆلچەملىك كۈننىڭ ئوخشاش بولماسلىق ئەھۋاللىرى كۆرۈلمەكتە.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏