چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش مېدىتسىنا دېگىنىمىز، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان، فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان پەن سىستېمىسىدۇر.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە :مېدىتسىنا

خەنزۇچە :医学

چۈشەنچە

 مېدىتسىنا دېگىنىمىز، ئادەم بەدىنىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاساس قىلغان ھالدا شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدىغان، فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلەرنى داۋالاش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ فىزىئولوگىيىلىك ساغلاملىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان پەن سىستېمىسىدۇر. تار مەنىدىكى مېدىتسىنا بولسا، كېسەللىكنى داۋالاش ۋە ئادەم بەدىنىنىڭ فۇنكىسىيىلىرىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۆرسەتسە، كەڭ مەنىدىكى مېدىتسىنا جۇڭگو كۈتۈنۈش ئىلمى ۋە بۇ ئاساستا تەرەققىي قىلغان غەربنىڭ ئوزۇقلۇق ئىلمى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھازىر دۇنيا مىقياسىدا مېدىتسىنا ئىلمى ئاساسلىق غەربنىڭ مىكرو مېدىتسىناسى ۋە شەرقنىڭ ماكرو مېدىتسىناسىدىن ئىبارەت ئىككى ئاساسىي ئېقىم مەۋجۇت. گەرچە شەرقنىڭ تەپەككۇرىنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى، ئۇنىڭ ئادەم تېنىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئۇنىڭ سىرتقى مۇھىت بىلەن بولغان ماكرولۇق ۋە مىكرولۇق مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلىرى ئوخشاشمىسىمۇ، ئەمما يېقىن كەلگۈسىدە جۇڭيى-غەرب تىبابىتىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە پىشىپ-يېتىلىشى، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلىنىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ئىلىم يەنى ئىنسانىيەت مېدىتسىناسى بارلىققا كېلىشى مۇقەررەر.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏