چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش يەرمەدىكى بولسا ئۆسۈملۈك يەرمەدىكى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «تاراسىس» ياكى «يەرمەدىكى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.پەي ۋە مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە نامى :يەرمەدىكى

خەنزۇچە ئاتىلىشى :蘑菇

ئەرەبچە نامى :زۇببۇلئەرىز – زۇببۇلرياخ

پارسچە نامى :بىل شىرىن

ئىنگلىزچە :Songaria Cynomorium Herb

ئوردۇچە نامى :تىرا سىس

شەكلى :قۇرۇتۇلغان چۆپى ياپىلاق سىلىندىر شەكىللىك ياكى بىر ئۇچى ئىنچىكە

جىسمى :سىرتقى يۈزى قىزىل خورما رەڭ ۋە توق قوڭۇر رەڭلىك، ئازراق پۇراقلىق

تەمى :تەمى ئاچچىق ھەم قېرىق

ۋاقتى :باش ئەتىياز

تەبىئىتى :ئۈچىنچى دەرىجىدە قۇرۇق ئىسسىق.

چۈشەندۈرۈشى 

يەرمەدىكىيەرمەدىكى بولسا يەرمەدىكى  ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك  يەرمەدىكى بولۇپ، بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ پۈتۈن چۆپى «تاراسىس» ياكى «يەرمەدىكى» نامىدا دورىغا ئىشلىتىلىدۇ.قۇرۇتۇلغان چۆپى ياپىلاق سىلىندىر شەكىللىك ياكى بىر ئۇچى ئىنچىكە،سىرتقى يۈزى قىزىل خورما رەڭ ۋە توق قوڭۇر رەڭلىك، ئازراق پۇراقلىق،  تەمى ئاچچىق ھەم قېرىق،

خۇسۇسىيتى

تەبىئەتنى قۇۋۋەتلەش، چوڭ تەرەتنى راۋانلاشتۇرۇش، قان كۆپەيتىش، تەر توختىتىش، ياللۇغ قايتۇرۇش، جىگەر، ئاشقازان ۋە باھنى قۇۋۋەتلەش، بەدەندىكى قاتتىقلىقنى تارقىتىش، ھاردۇق چىقىرىش، پەي ۋە مۇسكۇللارنى چىڭىتىش، كۆزنى قۇۋۋەتلەش، ھۆللۈكلەرنى قۇرۇتۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.

خاس تەسىرى

تەبىئەتنى قۇۋۋەتلىگۈچى دورىلار.

ئەكىس تەسىرى

ئەزانى تۇيغۇسىز قىلىدۇ، پالەچ ۋە شوك كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، توسالغۇ پەيدا قىلىدۇ، كۆپ يېسە، قان سىيدۈرىدۇ، بۇنى تۇخۇم ياكى گۆش بىلەن قوشۇپ يېمەسلىك لازىم.  يەرمەدىكىنىڭ زەھەرلىكىنى يەپ قالسا، سوغۇق تەرلەيدۇ، گالنى بوغىدۇ، بىھوش قىلىدۇ، ئاشقازاننى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.

فارماكولوگىيلىك تەسىرى

ئاشقازان− ئۈچەي يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەرەت ھەيدەش، بەدەننىڭ ئىممۇنىت كۈچىنى ئاشۇرۇش، ئىچكى ئاجرىتىش سىستېمىسىنى كۈچەيتىش، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، قېرىشنى كېچىكتۈرۈش، قان ئايلىنىشنى ياخشىلاش قاتارلىق تەسىرى بار.

ئۆنۈملۈك تەركىبى

بۇنـىڭ تـەركىـبـىـدە ئانـتوسـىيـانـىـن (Anthocyanin)، تىـرتېـرپـېنوئـىد ساپونىـن (Triterpendid saponoin)، تانـنـىـن،  −L پىـرولـىـن (L-Prolnine) قاتارلىقلار بار.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏