چۈشۈرىلىۋاتىدۇرەسىملەرنى كۆرۈش كومپيۇتېر ( computer ) ھازىرقى زاماندا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ، سانلىق قىممەت ھېسابلاش ئېلىپ بارىدۇ، يەنە لوگىكىلىق ھېسابلاش ، يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى . تەرتىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىش ، يۇقىرى سۈرئەتتە نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ھىسابلاش ئىقتىدارى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە.

ئاساسىي ئۇچۇرلىرى

ئۇيغۇرچە :كومپيۇتېر

خەنزۇچە :电脑

ئىنگىلىزچە :computer

ئىجاد قىلىنغان ۋاقتى :1946-يىلى

ئىجاد قىلغۇچى :يوھان فون نويمان

چۈشەنچە

كومپيۇتېر ( computer ) ھازىرقى زاماندا ئىشلىتىلىدىغان بىر خىل يۇقىرى سۈرئەتلىك  ئېلېكترونلۇق ھېسابلاش ماشىنىسى ، سانلىق قىممەت ھېسابلاش ئېلىپ بارىدۇ، يەنە لوگىكىلىق ھېسابلاش ، يەنە ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى . تەرتىپ بويىچە ھەرىكەت قىلىش ،  يۇقىرى سۈرئەتتە نۇرغۇن سانلىق مەلۇماتلارنى ھىسابلاش ئىقتىدارى بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە.

قاتتىق دېتال سىستېمىسى ۋە يۇمشاق دېتال سىستېمىسىدىن تەركىب تاپقان .تۈرلىرى: دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېر ، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان  كومپيۇتېر , تور كومپيۇتېرى , شەخسى كومپىيوتۇرى , قىستۇرۇلما كومپيۇتېر دەپ بەش تۈرگە ئايرىلىدۇ ، بىر قەدەر ئىلغار كومپيۇتېرلار:  بىئو كومپيۇتېر ، فوتونلۇق كومپيۇتېر ، كۋانت كومپيۇتېر قاتارلىقلار .

1945 ـ يىلىنىڭ ئاخىرى ئامېرىكا پېنسىلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن مورشلاي، ئىككېرت قاتارلىق كىشىلەر دۇنيادىكى تۇنجى كومپيۇتېرنى لايىھىلەپ ياساپ چىققان. ئۇ كومپيۇتېر ئادەمنىڭ قىسمەن تەپەككۇر ئىقتىدارىغا ۋەكىللىك قىلىپ، ھەتتا ئۇنى ئاز ـ تولا بېيىتقنلىقى ئۈچۈن «ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپمۇ ئاتالغان.

كومپيۇتېر20-ئەسىردىكى ئەڭ زور ئىلىم-پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ئالاھىدە ھېسابلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ئەڭ تېز ھېسابلاش ماشىنىسى10 مىليارد قېتىمدا ھېسابلاپ چىقىرىلىدىغان ھېسابنى بىر سېكۇنتتا تاماملىيالايدۇ، بۇنى ئادەم كۈچى بىلەن ھېسابلاپ ھەرگىزمۇ يېتىشكىلى بولمايدۇ. ھېسابلاش ماشىنىسى يەنە ئادەمنىڭ بەزى سېزىم ۋە تەپەككۇر ئىقتىدارىنى دوراپ، مەلۇم قائىدە بويىچە ھۆكۈم ۋە ئۇقۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەم مېڭىسى ئورنىدا قىسمەن ئەمگەكلەرنى قىلالايدىغان بولغاچقا، كومپيۇتېر «ئېلېكترونلۇق مېڭە» دەپ نام بېرىلگەن.

يەنە بار

ئىسىم تاللاش قوللانمىسى

赞赏